3-ئاينىڭ 4-كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى جوۋ خۇڭيى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: AI ساھەسىدە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا پەرق مەۋجۇت، لېكىن جۇڭگونىڭ قوغلاپ يېتىشىۋېلىش سۈرئىتى ناھايىتى تېز، جۇڭگولۇقلارنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئەقىللىقلىكىگە تايىنىپ، تۈرلۈك كارخانىلار بىلەن بىرلىشىپ ئەگمە يولدا يانداپ ئۆتۈش مۇمكىنچىلىكىگە ئىشىنىمەن.
سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئۈستىدە توختالغاندا، جوۋ خۇڭيى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ساھەسىدىكى تەرەققىياتىنى «ئىككى قانات تەڭ قېقىپ پەرۋاز قىلىش» قا ئوخشىتىشقا بولىدۇ، بىر تەرەپتىن كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىش ئۈستۈنلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، دەرىجىدىن تاشقىرى ھەممىباب چوڭ مودېلىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن كەسىپنى رەقەملەشتۈرۈش نۇرغۇن ئەمەلىي ئىشلىتىشچان مەنزىرە يارىتىدۇ، بولۇپمۇ ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە غايەت زور تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.
جوۋ خۇڭيى يەنە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار يالغاننى راست قىلىپ كۆرسىتىدىغان ۋىدېئو سەۋەبىدىن ئالدامچىلىق قورالىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن، شۇڭا بىخەتەرلىكنى چۈشىنىدىغان، مودېلنى بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ ھەل قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ