3-ئاينىڭ 4-كۈنى، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنى خەلق سارىيىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش زالىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، يىغىن باياناتچىسى لوۋ چىنجيەن يىغىن قارالمىسى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.
مۇخبىر جۇڭگونىڭ ئەتراپ دىپلوماتىيەسى ۋە جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى توغرىسىدا سورىغاندا، لوۋ چىنجيەن مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئەتراپ دىپلوماتىيەسىنىڭ ئاساسىي فاڭجېنى قوشنىلار بىلەن ياخشى ئۆتۈش، قوشنىلارغا ھەمراھ بولۇش، قوشنىلار بىلەن ئىناق ئۆتۈش، قوشنىلارنى خاتىرجەم قىلىش، قوشنىلارنى بېيىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، كەڭ قورساق بولۇش ئىدىيەسىنى گەۋدىلىك گەۋدىلەندۈرۈش. جۇڭگو ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنى باشتىن-ئاخىر جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە ئومۇمىيىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ كەلدى.
لوۋ چىنجيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى، جۇڭگو ئۆزىنىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز-ئوكيان ھوقۇق-مەنپەئەتىنى داۋاملىق قەتئىي قوغدايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، جەنۇبىي دېڭىز رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ. جۇڭگو سەپ تۈزۈپ قارشىلىشىشقا ۋە «كىچىك گۇرۇھ» شەكىللەندۈرۈشكە قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگونىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقى باشقىلارنى چەتكە قاقمايدۇ، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى بىلەن كۆپ قاتلاملىق، كۆپ يوللۇق، كەڭ ساھەلىك ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئەل رايى ئاساسىنى تىرىشىپ پۇختىلاپ، قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ