3-ئاينىڭ 4-كۈنى، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش زالىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، يىغىن باياناتچىسى يىغىن قارالمىسى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىدا يىغىن باياناتچىسى لوۋ چىنجيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەر يىلى يىغىن ئاچقاندا، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەممىسى دۆلەت مۇداپىئە خامچوتى مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. دۆلەت مۇداپىئە قانۇنى، خامچوت قانۇنى قاتارلىق قانۇن-نىزاملارنىڭ تەلىپى بويىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلەت مۇداپىئە چىقىمى خامچوتى دۆلەتنىڭ ئومۇمىي خامچوتىنىڭ بىر قىسمى، ھەر يىللىق دۆلەت مۇداپىئە چىقىمى خامچوتى ھۆكۈمەت خامچوت لايىھەسىگە كىرگۈزۈلدى، بۇنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ، قانۇن بويىچە باشقۇرىدۇ ۋە ئىشلىتىدۇ. يىغىن كۈنتەرتىپىگە ئاساسەن، بۇ قېتىمقى يىغىندا ھۆكۈمەت خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتىنىمۇ تەكشۈرۈپ، سىرتقا ئېلان قىلىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، جۇڭگوچە ھەربىي ئىشلار ئىسلاھاتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىش، چوڭ دۆلەتنىڭ خەلقئارا مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىش ئۈچۈن، جۇڭگو ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە، دۆلەت مۇداپىئەسى چىقىمىنىڭ مۇۋاپىق، مۇقىم ئېشىشىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ساقلاپ قېلىپ، دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلىي كۈچى ۋە ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچنىڭ ماس قەدەمدە ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈردى.
لوۋ چىنجيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئامېرىكا قاتارلىق چوڭ ھەربىي دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئە چىقىمى مەيلى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى بولسۇن، دۆلەت مالىيە چىقىمىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى بولسۇن ياكى پۇقرالارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتى، ھەربىيلەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتى قاتارلىقلار بولسۇن ئىزچىل بىرقەدەر تۆۋەن.
لوۋ چىنجيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تىنچ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى خالايدۇ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئادىل، ھەققانىي، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدۇ.مەنبە: خەلق تورى
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ