چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ «جۇڭگونىڭ قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ جاسۇسلۇق ھەرىكىتى كاتېگورىيەسىنى كېڭەيتىشى چەت ئەللىكلەر ۋە چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ تېخىمۇ چوڭ خەتەرگە دۇچ كېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېگەن خەۋرىگە 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ باياناتچىسى لوۋ چىنجيەن 3-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدا جاۋاب قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنىڭ خاتا چۈشەندۈرۈلۈشى.
شۇ كۈنى، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
بۇلتۇر 4-ئايدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى. لوۋ چىنجيەن بۇ ھەقتە جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىدا جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلمىدى، بەلكى خەلقئارادا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىۋاتقان ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىش، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرىدىن مۇۋاپىق ئۆرنەك ئېلىش ئاساسىدا، جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنىڭ ئېنىقلىمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، قانۇنسىز قىلمىش بىلەن قانۇنلۇق ھەرىكەتنىڭ چەك-چېگراسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇ، چەت ئەل كارخانىلىرى ۋە چەت ئەللىكلەرنىڭ جۇڭگودا مەبلەغ سېلىش، خىزمەت قىلىش، تۇرمۇش كەچۈرۈشتىكى ئېنىقلىق دەرىجىسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتتى، سودا ئالاقىسى، پەن تەتقىقات ھەمكارلىقى، ئىلىم ئالماشتۇرۇش قاتارلىق نورمال پائالىيەتلەرگە قارىتىلمايدۇ.
ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى بۇرمىلاش ئارقىلىق جۇڭگونىڭ سودا مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشىغا قارا چاپلاشقا قارشى تۇرىمىز.
لوۋ چىنجيەن مۇنداق تەكىتلىدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ چەت ئەلگە چېتىشلىق نۇرغۇن قانۇنلارنى تۈزدى ۋە ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزدى ھەمدە بۇ نۆۋەتلىك قانۇن چىقىرىش پىلانىدا چەتكە چېتىشلىق نۇرغۇن قانۇن تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى، بۇ، جۇڭگودىكى چەت ئەللىكلەر ۋە چېگرا سىرتىدىكى كارخانا، تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشنى قانۇن ئاساسى بىلەن تەمىنلەپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان ئالدىنقى قاتاردىكى سودا مۇھىتى قۇرۇلۇشىنى قوللىدى.
لوۋ چىنجيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرىدۇ، تاشقى مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، دوستانە ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چەت ئەللىكلەر ۋە چېگرا سىرتىدىكى كارخانا، تەشكىلاتلارنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ سودا قىلىشى، مەبلەغ سېلىشى، ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشىنى قارشى ئالىدۇ. «بۇ نۇقتىغا قارىتا، جۇڭگونىڭ پوزىتسىيەسى ئەزەلدىن ئۆزگەرمىدى ھەم ئۆزگەرمەيدۇ».
ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ دەرۋازىسى دۇنياغا باشتىن-ئاخىر ئوچۇق، يېپىلمايدۇ. ئىشىكنى ئېچىۋەتكەندىلا دۇنيا جۇڭگوغا كىرەلەيدۇ، جۇڭگومۇ دۇنياغا يۈزلىنەلەيدۇ. جۇڭگو قانۇن ئىدارە قىلىش ئاساسىدا يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش داۋامىدا چەت ئەلگە چېتىشلىق قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنىڭ قانۇنچىللىق ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلايدۇ.مەنبە: خەلق تورى
مەنبە: خەلق تورى