مۇھىم خەۋەرلەر

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ قارالمىلىرى

2024.03.04 22:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تەييارلىق يىغىنى ئېچىپ، يىغىن قارالمىسىنى ماقۇللىدى.

  14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ قارالمىلىرى

  بىرىنچى، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات قاراپ چىقىلىدۇ

  ئىككىنچى، 2023-يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2024-يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات، 2024-يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ لايىھەسى تەكشۈرۈلىدۇ

  ئۈچىنچى، 2023-يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2024-يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات، 2024-يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ لايىھەسى تەكشۈرۈلىدۇ

  تۆتىنچى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەننىڭ تەشكىلىي قانۇنى (تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسى)»نى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى قاراپ چىقىلىدۇ

  بەشىنچى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى قاراپ چىقىلىدۇ

  ئالتىنچى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى قاراپ چىقىلىدۇ

  يەتتىنچى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى قاراپ چىقىلىدۇ

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ