مۇھىم خەۋەرلەر

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى ئېچىلىدۇ، 3-ئاينىڭ 10-كۈنى يېپىلىدۇ

2024.03.04 22:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 3-كۈنى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، يىغىن ئاخبارات باياناتچىسى ليۇ جېيى جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىغا بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  ليۇ جېيى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2024-يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، شۇنداقلا خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى. بۇ قېتىمقى سىياسىي كېڭەش يىغىنىنى ياخشى ئېچىش زور ئەھمىيەتكە ئىگە. سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە خەلق سارىيىدا ئېچىلىدۇ، 3-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يېپىلىدۇ، يىغىن ئالتە كۈن داۋاملىشىدۇ.

  يىغىننىڭ ئاساسلىق قارالمىلىرى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىش؛ 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە باشقا ئالاقىدار دوكلاتلارنى ئاڭلاش ۋە مۇزاكىرە قىلىش؛ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى، دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات توغرىسىدىكى قارار، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ تەكلىپ تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى قاراپ چىقىپ ماقۇللاش.

  ليۇ جېيى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يىغىندا بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى خىزمەتلىرى خۇلاسىلىنىپ، بۇ يىللىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەركەزنى زىچ چۆرىدەپ ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، پائال چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىدۇ.

  ليۇ جېيىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يىغىن مەزگىلىدە، ئېچىلىش يىغىنى، يېپىلىش يىغىنى ۋە ئىككى قېتىملىق يىغىندا سۆز قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن، ئەزالار تۇرۇشلۇق جايلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ساھە بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى ۋە كۆپ قېتىم ئەزالار ساھە گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزىدىكەن، قىسمەن ساھەلەر بىر قېتىم ساھە كېڭىشىش يىغىنى ئۆتكۈزىدىكەن. ئېچىلىش يىغىنى، يېپىلىش يىغىنىدا چەت ئەلنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى سىرتتىن ئاڭلاشقا تەكلىپ قىلىنىدىكەن. يىغىننىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى پۈتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ