مۇھىم خەۋەرلەر

[سىن] «تەۋسىيە»، «تەكلىپ» دېگەن نېمە؟

2024.03.04 09:18 مەنبە: خەلق تورى

  

  ئىككى يىغىننى AI ئارقىلىق ئۆگىنەيلى.

  ئىككى يىغىندا دائىم تىلغا ئېلىنىدىغان «تەۋسىيە»، «تەكلىپ» نىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

  «تەۋسىيە» خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەخسۇس ئاتالغۇسى بولۇپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ تەۋسىيەسىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا سۇنغان كېڭىشىلىدىغان ئىشلار توغرىسىدىكى ئەسلىي لايىھەنى كۆرسىتىدۇ. يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن تەۋسىيەلەرنى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى قاراپ چىقىدۇ، ھەيئەت رىياسىتى ئۇنى ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ قاراپ چىقىشىغا، دوكلات بېرىشىگە سۇنسا بولىدۇ، ھەيئەت رىياسىتى قۇرۇلتاي ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇشنى قاراپ چىقىپ قارار قىلىدۇ.

  «تەكلىپ» سىياسىي كېڭەشنىڭ مەخسۇس ئاتالغۇسى بولۇپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان پارتىيە-گۇرۇھلار، خەلق تەشكىلاتلىرى، سىياسىي كېڭەشنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئومۇمىي يىغىنى مەزگىلىدىكى ساھە ئايرىمىسى، ئەزالار گۇرۇپپىلىرىنىڭ سىياسىي كېڭەشنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ياكى دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا بەرگەن ھەمدە تەكلىپ تەكشۈرۈش كومىتېتى ياكى تەكلىپ كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە سۇنغان يازما پىكىر ۋە تەكلىپنى كۆرسىتىدۇ.

  ئۇنىڭدىن باشقا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىغا بەرگەن تۈرلۈك خىزمەتلەر توغرىسىدىكى تەكلىپ، تەنقىد ۋە پىكىرلەرنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى ئالاقىدار ئورگان ۋە تەشكىلاتلارنىڭ تەتقىق قىلىپ بېجىرىشىگە ۋە جاۋاب بېرىشىگە تاپشۇرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ