مۇھىم خەۋەرلەر

[سىن] مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن نېمە ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى شۇنچە تارتىدۇ؟

2024.03.04 09:14 مەنبە: خەلق تورى

  

  ئىككى يىغىننى AI ئارقىلىق ئۆگىنەيلى.
يىلنىڭ ئىشى باھاردىن، ئىشنىڭ بېشى سەھەردىن دېگەندەك بىر يىللىق خىزمەتلەر ئىككى يىغىندىن باشلىنىدۇ. مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن نېمە ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى شۇنچە تارتىدۇ؟

  ھەر يىلدىكى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، ھۆكۈمەت بۇلتۇرقى بىر يىلدىن بۇيانقى خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەپ، بۇ يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. يىغىن مەزگىلىدە، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلات، پىلان دوكلاتى، مالىيە خامچوت دوكلاتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ ۋە قاراپ چىقىدۇ؛ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى، تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ۋە باشقا دوكلاتلارنى ئاڭلايدۇ ۋە قاراپ چىقىدۇ.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا يەنە بەزى تۈپ قانۇنلار تۈزىلىدۇ ۋە تۈزىتىلىدۇ. ھەر بەش يىلدا، يەنى ھەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا يەنە دۆلەت ئاپپاراتى تەركىبىدىكىلەر سايلىنىدۇ ۋە تەيىنلەش قارار قىلىنىدۇ.

  ۋەكىللەر، ئەزالارمۇ پۇقرالار كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا تېمىلىرى توغرىسىدا تەكلىپ ياكى تەۋسىيەلىرىنى سۇنۇپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئىپادىلەيدۇ، خەلقنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، داۋالىنىش، تۇرالغۇ، كۈتۈنۈش قاتارلىق خىزمەت ۋە تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

  2024- يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا سىز قايسى مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلىسىز؟

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ