مۇھىم خەۋەرلەر

ئىقتىساد ۋە پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش (دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش)

——ۋەكىللەر، ئەزالار پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش توغرىسىدا توختالدى

2024.03.04 08:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق گېزىتى مۇخبىرى ۋۇ چيۇيۈ، چى جىمىڭ، سۇڭ خاۋشىندۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بانكا سىستېمىسى تاشقى پېرېۋوت زاپىسى كۆلىمى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا مۇقىم تۇردى، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى... دۆلىتىمىز دۇنيادىكى مۇھىم پۇل مۇئامىلە چوڭ دۆلىتىگە ئايلاندى.

  2023-يىلى 10-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن مەركەز پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنىدا پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش نىشانى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ كۇرس ئېچىش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ نىشان ۋەزىپىسى، ئەمەلىيەت تەلىپى قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى چوڭقۇر شەرھلەپ، «پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا ئۇزاق مۇددەت تىرىشىشقا توغرا كېلىدۇ»، «ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن جۇڭگوچە زامانىۋى پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

  پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ تۈپ مەقسىتى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىش. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، چىڭخۇا داشۆسى ۋۇداۋكوۋ پۇل مۇئامىلە شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تيەن شۈەن: «زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت مۇقەررەر ھالدا پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى، پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش نىشانىنى مەھكەم تۇرغۇزۇپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك» دېدى.پۇل مۇئامىلە+يېتىلدۈرۈش+كەسىپ+يېتەكلەش، جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى تيەنجىن شەھەرلىك تارماق بانكىسى بەرپا قىلغان «ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر پورتى» ئىچىدە، بېيجىڭ، تيەنجىن رايونىدىكى پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى كىچىك، مىكرو كارخانىلار بىر كۆزنەكلىك، پۇل مۇئامىلە ھالقىغان، كەسىپ ھالقىغان ئۇنىۋېرسال پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىدىن تېز، قولايلىق بەھرىمەن بولالايدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىقتىساد بىلەن پۇل مۇئامىلىنى بىر تاختىدىكى شاھماتتەك كۆرۈش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك»، «ئىقتىساد بىلەن پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك».

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى تيەنجىن شەھەرلىك تارماق بانكىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، بانكا باشلىقى ۋۇ يىچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىز دىققەتنى پەن تېخنىكا تىپىدىكى كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت بۇ باش تېمىغا سىجىل مەركەزلەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىنى قوللاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز».

  «توردا باج قەرزى بېجىرىش»، «باج قەرزى»، «باج ئاسان قەرزى»... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ باج تارماقلىرى مەۋقەنى باج يىغىش فۇنكسىيەسىگە قويدى، بانكا بىلەن باج ھەمكارلىق مېخانىزمى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، باج تاپشۇرۇش كىرېدىتىنى ھەقىقىي پۇلغا ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، ھەقىقىي تۈردە تىجارەت سۇبيېكتىغا پۇل مۇئامىلە «ئېقىن سۈيى»نى كىرگۈزۈش ئۈچۈن كۈچ قوشۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولدى.

  جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا، مۇقەررەر ھالدا شۇنىڭغا ماس كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى بولۇشى كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇش، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش، يۈكسەك ماسلىشىشچانلىققا، رىقابەت كۈچىگە، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىققا ئىگە زامانىۋى پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسى ۋە ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ كۆپ خىللاشقان پۇل مۇئامىلە ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش، قەرز ئېلىش قىيىن بولۇش، قەرز ئېلىش قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك».

  «ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە، تىجارەت سۇبيېكتىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇش مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ». دۆلەت باج باش ئىدارىسى يۈننەن ئۆلكىلىك باج ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى جياڭ تاۋ مۇنداق تەكلىپ بەردى: «بانكا بىلەن باجنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، بانكىلارنى دىققەتنى كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ قەرز پۇل ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈشكە يېتەكلەش، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات سىياسىتى، باج ھەق ئېتىبار سىياسىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ كۆپ خىللاشقان مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك».

  خەلقنى مەركەز قىلغان قىممەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى دىققەتنى خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىجىل كۈچەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىگە بولغان ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى سىجىل ئاشۇرۇش كېرەك.

  جۇڭگو ئۆمۈر سۇغۇرتىسى گۇرۇھى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىرى بەي تاۋ مۇنداق دېدى: «ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋىش قىلىش، خەۋپ-خەتەر كاپالىتى بىلەن ئاپپاراتلاردا كۈتۈنۈش، مەھەللىلەردە كۈتۈنۈش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش، يۇقىرى سۈپەتلىك ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق سۇغۇرتىسى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپە».

  پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، مەدەنىيەتنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ.

  «جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە مەدەنىيىتىنى پائال يېتىلدۈرۈشتە، ھەم جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرىنى نامايان قىلىش، ھەم زامانىۋى پۇل مۇئامىلە ئامىلى، پۇل مۇئامىلە ئىدىيەسى، پۇل مۇئامىلە روھىنى نامايان قىلىش كېرەك». مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، سىچۈەن تيەنفۇ بانكىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىرى خۇاڭ يى مۇنداق دەپ قارىدى: «پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشتە، جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە مەدەنىيىتى ئارقىلىق كەسىپ كەيپىياتىنى توغرىلاش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىدا جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە مەدەنىيىتىنى پائال يېتىلدۈرۈش كېرەك».

  پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش، يېڭى دەۋر يېڭى مۇساپە پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم نىشان ۋەزىپىسى. ۋەكىللەر، ئەزالار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇكەممەل، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشى، پۇل مۇئامىلىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىساد ۋە پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ئاممىسى ۋە ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ كۆپ خىللاشقان پۇل مۇئامىلە ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ