مۇھىم خەۋەرلەر

دۇنياۋى قىممەت زەنجىرىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى پەللىسىگە قاراپ ئىلگىرىلەيمىز (كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشتا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش)

——ۋەكىللەر، ئەزالار سودا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش توغرىسىدا توختالدى

2024.03.04 08:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى لو شەنشەن، لى گاڭ، دوۋ خەنياڭجېجياڭ چۈەنخۇا بىرىكمە ماتېرىيال پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ تەييار مەھسۇلات ئامبىرى سىرتىدا، ئون نەچچە يۈك ساندۇقى قاچىلانغان يۈك ئاپتوموبىلى رەتلىك تىزىلىپ، ساندۇققا قاچىلاشنى كۈتۈپ، بۇ شىركەتنىڭ كاۋچۇك مەھسۇلاتلىرىنى تارقىتىش ئالدىدا تۇراتتى. بۇ شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرى 20 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا ئېكسپورت قىلىنغان.

  «تاشقى سودا كارخانىلىرى تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، سۈپەت ۋە پەن-تېخنىكا ئەمەلىي كۈچىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈشى كېرەك». مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، چۈەنخۇا گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى شۈ گۇەنجۈ مۇنداق دېدى: تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ۋە سودىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك، دۇنيا قىممەت زەنجىرىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى پەللىسىگە قاراپ قەدەم تاشلاشتا، چوقۇم بۆسۈش خاراكتېرلىك تېخنىكا، قاپلاش خاراكتېرلىك تېخنىكا، ئەسلىي ئىجادىيەت تېخنىكىسىغا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك، سىجىل تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، چۈەنخۇا گۇرۇھى سىرەك يەر بۇتادىئېنلىق كاۋچۇك تېخنىكىسىدا بۆسۈش ھاسىل قىلدى ۋە ئىمپورت ئورنىغا دەسسىتىشنى ئىشقا ئاشۇردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ «سودا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك، مال سودىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، مۇلازىمەت سودىسىدا يېڭىلىق يارىتىش، رەقەملىك سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، رەقەملەشكەن يېشىللاشتۇرۇشنى يۆنىلىش قىلىپ، خەلقئارا ئىش تەقسىماتى ئورنىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش، دۇنياۋى قىممەت زەنجىرىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى پەللىسىگە قاراپ قەدەم تاشلاش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

  تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2023-يىلى، دۆلىتىمىزنىڭ مۇستەقىل ماركىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكىسپورت مىقدارى %9.3 ئېشىپ، ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى 1.7 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى. جۇڭگو ياسىمىچىلىقى، جۇڭگو ماركىلىرىنىڭ تەسىر كۈچى يەنىمۇ كېڭەيدى.

  سودا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشتە، دۇنياۋى رەقەملەشكەن، يېشىللاشقان تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە ماسلىشىپ، يېڭى مۇسابىقە يولىنى ئىگىلەش، يېڭى ئەۋزەللىكنى تاۋلاش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ: «يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل قاتارلىق يېڭى كەسىپلەرنىڭ ئېكسپورت ئەۋزەللىكىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.

  گۇاڭدۇڭ گۇاڭجوۋ نەنشا ئاپتوموبىل پورتىدا، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن 1800دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل بېسىلغان «تاڭخۇڭ» ناملىق دومىلىما يۈك قاچىلاش پاراخوتى ئاستا-ئاستا يولغا چىقىپ، چەت ئەلگە ئەۋەتىلدى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2023-يىلى، نەنشا ئاپتوموبىل پورتىدىن 30 كىلومېتىر يىراقلىقتا، گۇاڭجوۋ پەنيۈ رايونىدىكى گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىل گۇرۇھى ئەيئەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېكولوگىيە زاۋۇتىنىڭ باش قۇراشتۇرۇش سېخىدا، نۇرغۇن سانائەت ماشىنا ئادىمى بىلەن سانائەت ئىشچىلىرى ماسلىشىپ مەشغۇلات قىلىپ، يۇقىرى ئۈنۈمدە خىزمەت قىلىپ، ھەر 53 سېكۇنتتا بىر يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن ھەيدەپ چىقىلغان.

  بۈگۈنكى كۈندە، ئېلىمىزنىڭ يېڭى ئۈچ خىل مەھسۇلات ئېكىسپورتى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، تاشقى سودىنىڭ ئېشىشىدىكى يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندى. دۆلىتىمىز 4 مىليون 910 مىڭ دانە ئاپتوموبىل ئېكسپورت قىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %57.9 ئېشىپ، ئاپتوموبىل ئېكىسپورت قىلىدىغان بىرىنچى چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلدىن 1 مىليون 203 مىڭ دانە ئېكسپورت قىلىندى.

  «بۇ ئېلىمىزنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەدبىرىنىڭ بىر قەدەم ئالدىدا تۇرغانلىقى بولۇپ، دۇنيا قاتلىمىدا ئۇنىۋېرسال رىقابەت ئەۋزەللىكى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى». مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىل گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى، گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىل گۇرۇھى ئەيئەن شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى فېڭ شىڭيا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە خەلقئارا بازارنىڭ يوشۇرۇن كۈچى زور، پۇرسەت كۆپ، جۇڭگو يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كارخانىلىرى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، سودا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشى كېرەك.

  «رەقەملەشكەن، يېشىللاشتۇرۇش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى يۆنىلىش قىلىپ، گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىل گۇرۇھى ئەيئەن شىركىتى ئابۇنىچىلار ئاپتوموبىل زاكاز قىلىشتىن زاپچاس بىلەن تەمىنلەشكىچە، ئاندىن ئىشلەپچىقىرىش، سۈپەت تەكشۈرۈش، تاپشۇرۇشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى رەقەملەشتۈرۈشى كېرەك». ۋەكىل فېڭ شىڭيا مۇنداق دېدى: ئالدىن تارقىتىش ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، دۇنيا كەسىپ زەنجىرى تەمىنلەش زەنجىرى سىستېمىسىغا چوڭقۇر سىڭىشىپ، خەلقئارا تەسىر كۈچىگە ئىگە داڭلىق ماركا بەرپا قىلىش كېرەك.

  سودا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، خەلقئارا ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم باشلامچىلاردىن بولۇشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۇنياۋى كەسىپ ئىش تەقسىماتى ۋە ھەمكارلىقىغا چوڭقۇر قاتنىشىپ، كۆپ مەنبەلىك، مۇقىم بولغان خەلقئارا ئىقتىسادىي ئەندىزە ۋە ئىقتىساد سودا مۇناسىۋىتىنى قوغداش كېرەك.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىز «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق سۇپىسى بەرپا قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، سودا مىنىستىرلىقى خەلقئارا سودا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى گۇ شۆمىڭ مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىي ئېھتىياجى چىقىش قىلىندى، ئورتاق قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، دۆلەتنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى، قىممەت زەنجىرى ھەمكارلىقى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، بۇ ھەم جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇردى، شۇنداقلا دۇنياغا بەخت ياراتتى، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، ئورتاق بېيىش، ئورتاق گۈللىنىش پۇرسىتى ۋە ھاسىلاتىنى پۈتۈن دۇنياغا ئېلىپ كەلدى.

  «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز چېگرا ئېغىزلىرىدا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، خەلقئارا ئىقتىساد سودا ئالاقىسىگە چوڭقۇر قاتناشتى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئۈرۈمچى تاموژنىسىغا قاراشلىق ئالاتاۋ تاموژنىسى تېخنىكا مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى لەن مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشى ۋە شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەسىس قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ سودىنى قولايلاشتۇرۇشقا بولغان ئېھتىياجى بارغانسېرى جىددىي بولماقتا. رەسمىيەتنى داۋاملىق ئاددىيلاشتۇرۇپ، پورت بىرلەشمە تەكشۈرۈش تارماقلىرى ئارىسىدىكى چېگرادىن كىرىش-چىقىش ئۇچۇرلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى پەقەت بارغانسېرى چوڭ ئېچىلىدۇ. ۋەكىللەر، ئەزالار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇش، ئىمپورت-ئېكسپورت ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيانى ئۈزلۈكسىز يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپ دۇنيا سودا سېلىنمىسىنىڭ ئېشىشىغا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشۇش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ