مۇھىم خەۋەرلەر

{سىن} مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن قايسى ئىككى يىغىن؟

2024.03.01 18:46 مەنبە: خەلق تورى

  

  2024 - يىللىق مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»نىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو «ئىككى يىغىن ۋاقتى»غا قەدەم قويىدۇ. «ئىككى يىغىننى AI ئارقىلىق ئۆگىنىش». مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ قايسى ئىككى يىغىن ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

  بىز دائىم دەيدىغان مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى» ۋە «جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى» نى كۆرسىتىدۇ. ئىككى يىغىن ئاساسەن ئوخشاش ۋاقىتتا ئېچىلىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ يۈرۈشۈشىدە ئىنتايىن مۇھىم بولغاچقا، قىسقارتىلىپ ئىككى يىغىن دەپ ئاتالغان.

  مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننى ئېچىش دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى ئىنتايىن چوڭ ئىش، يىغىننىڭ ھەر بىر قارالمىسى ۋە تېمىسى كۆپچىلىكنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت ۋە تۇرمۇشىغا مۇھىم ھەم چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  14- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2 - يىغىنى ۋە سىياسىي كېڭەش 14- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 2- يىغىنى ئايرىم – ئايرىم ھالدا 2024 - يىلى 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ۋە 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بېيجىڭغا جەم بولۇپ، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭىشىدۇ.

  قېنى، 2024- يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا ھەممىمىز بىرلىكتە نەزەر سالايلى!

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ