مۇھىم خەۋەرلەر

خەلق تورىنىڭ «ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش» ھەققىدىكى ئۈچ ئوبزورىنىڭ بىرىنچىسى: بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان بېسىمنى كىم چۈشىنىدۇ؟

2024.03.01 16:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «توردا ئۆگىنىش جەملىمە نومۇرى، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىمتىھانى، تۈرلۈك ئوقۇتۇشتىن باشقا ۋەزىپىلەرنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ»، «ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى، سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش، ۋاكسىنا ئۇرۇش، سۇغۇرتا سېتىۋېلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋەزىپىسى بولۇپ، ئادەمنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن چارچىتىدۇ»... بۇنداق ئالدىراشلىق ئايرىم مەسىلىمۇ ياكى «ئومۇمىي ئەھۋال»مۇ؟ بىر مەزگىلدىن بۇيان، «ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ دەرستىن سىرتقى يۈكى ئېغىر بولۇش» قاتارلىق تېمىلار جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى. يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىشى بىلەنلا بۇنداق گەپلەر يەنە قايتا مۇھاكىمە قىلىندى.

  ھەر قانداق خىزمەتنىڭ بېسىمى بولىدۇ، ئوقۇتقۇچىلىقمۇ ئەلۋەتتە بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. لېكىن، رېئال تۇرمۇشتا ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىش مەسىلىلىرى بارغانسېرى گەۋدىلىك بولماقتا، ھەتتا قىسمەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش پائالىيىتىنى نورمال قانات يايدۇرۇشىغا تەسىر يەتكۈزمەكتە. يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇشتىن باشقا خىزمەت مىقدارى كۆپىيىپ، كۆپ ۋاقىت ۋە زېھنىي كۈچىنى ئىگىلەپ كەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان %60.8 ئوقۇتقۇچى تۈرلۈك تەكشۈرۈش، باھالاش، بەرپا قىلىش پائالىيىتى قاتارلىق مائارىپ ئوقۇتۇشىدىن باشقا خىزمەتلەرگە قاتنىشىش خىزمەت مىقدارىنىڭ «كۆرۈنەرلىك ئاشقان»لىقىنى ياكى «كۆپەيگەن»لىكىنى بىلدۈردى. بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، «شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش» تەشۋىق-تەربىيەسى، شاخ-شۇمبا كۆيدۈرۈشنى مەنئى قىلىش تەشۋىقاتى، ئائىلە ئەھۋالىنى ئېنىقلاش، تۈرلۈك App لارنى مەجبۇرىي چۈشۈرۈش، سىنلىق ئۆگىنىش يوقلىمىسىدىن ئۆتۈش، سۈرەتكە تارتىپ ئىز قالدۇرۇش، جەدۋەل تولدۇرۇپ رويخەتكە ئېلىش، سۇغۇرتا سېتىش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى تاپشۇرۇشنى سۈيلەش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زىممىسىگە چۈشتى. مەلۇم مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، ئەڭ كۆپ بولغان بىر يىلدا ھەرقايسى تارماقلاردىن كەلگەن 4000 پارچىدىن ئارتۇق ھۆججەت تاپشۇرۇۋېلىنغان. يەنە بىر مەكتەپ مۇدىرى «دۇنيادىكى ھەممە ئىش بىزگە مۇناسىۋەتلىكتەك قىلىدۇ» دەپ خۇرسىندى.

  ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بەلگىلىك ئىجتىمائىي ئىشلارنى مۇۋاپىق ئۈستىگە ئېلىشىمۇ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلغانلىق. لېكىن، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، نورمىدىن ئارتۇق خىزمەت قىلىش، بولۇپمۇ ئوقۇتۇش بىلەن مۇناسىۋەتسىز ھەر خىل ئىشلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي تونۇش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى تۆۋەنلىتىپ، ناچار فىزىيولوگىيەلىك ۋە پسىخىكىلىق بېسىم ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن، يەنە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس تەييارلاش ۋە ئوقۇتۇشقا كىرىشىش ۋاقتى ھەم زېھنىي كۈچىنى نىسپىي ھالدا ئازايتىپ، ئوقۇتۇش سۈپىتى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قوبۇل قىلغان ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدە، «ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى بىلەن داۋاملىق شۇغۇللىنىشنى خالىمايدىغانلار» %35.5 كە يەتكەن، «بىر قەدەر خالىمايدىغانلار» %26 نى ئىگىلىگەن.

  ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپتىن باشقا خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئازايتىش __ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىزچىل تۈردە ئىپادىلەپ كەلگەن يۈرەك ساداسى ۋە تەلىپى. توردا بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ «ھاردۇقۇمنى ھەممىدىن بەك چىقىرىدىغىنى دەل دەرس ئۆتۈش؛ مېنى ئەڭ رازى قىلىدىغىنى دەل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلگىرلىشى» دېگەن يۈرەك ساداسى كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ. مائارىپ ناھايىتى ئۇزۇندا ئاندىن نەتىجە چىقىدىغان جەريان، پەقەت ئوقۇتقۇچىلارنى ئېغىر بېسىمدىن ئازاد قىلىپ، ئۇلارنى مائارىپ بىلەن خاتىرجەم شۇغۇللىنىش، مائارىپ بىلەن قىزغىن شۇغۇللىنىش، مائارىپ بىلەن ئازادە شۇغۇللىنىش، مائارىپ بىلەن خاتىرجەم شۇغۇللىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغاندىلا ئاندىن ئۇلار بىلىم تارقىتىش، ئادەم تەربىيەلەش، گۇماننى تۈگىتىشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىسىگە ئېلىپ، ئوقۇتۇش، ئادەم تەربىيەلەش ئورنىدا پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ