مۇھىم خەۋەرلەر

ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى: بۇ سودا قىلمىشلىرى ئىچكىرىلەپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلىدۇ

ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى: يۇقىرى چاستوتىلىق سودىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل سودا ھەرىكەتلىرى ئىچكىرىلەپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلىدۇ

2024.03.01 12:15 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، جۇڭگو پۇل مۇئامىلە قەرەللىك مال بېرژىسى بىر خۇسۇسىي فوند باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىسىنى «بەلگىلىمە بويىچە ئەمەلىي كونترول قىلىش مۇناسىۋىتى ھېساباتىنى مەلۇم قىلماسلىق، يۇقىرى چاستوتىلىق سودا ئۇسۇلىنى قوللانغان پاي كۆرسەتكۈچى قەرەللىك مال سودىسىدا سودا چېكىدىن ئېشىپ كېتىش » سەۋەبلىك ئىنتىزام جازاسى بېرىش تەدبىرىنى قوللانغان. ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى 28-فېۋرال بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى باشتىن ئاخىر قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاكسىيە بېرژىسى ۋە جۇڭگو پۇل مۇئامىلە سودا ئورنىنىڭ قەرەللىك مال، نەق مالنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھەمتۈرتكىلىكىنى كۈچەيتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، يۇقىرى چاستوتىلىق سودىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك سودا ھەرىكەتلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ، قانۇن بەلگىلىمە بويىچە بازاردىكى قانۇن بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىدۇ.

  بۇ باياناتچى مۇنداق دېدى: جۇڭگو مالىيە پاي چەكلىك شىركىتى بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار خېرىدارلارنىڭ قەرەللىك مال بازىرىدىكى ئەمەلىي كونترول مۇناسىۋىتى ھېساباتىنى باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا قارىتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللاندى، بۇ بېرژىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش تەدبىرى. كېيىنكى قەدەمدە، ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى مەركەز پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، بازارنىڭ مۇقىم، ساغلام ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ