مۇھىم خەۋەرلەر

مەركىزىي بانكا: ياشانغانلار، جۇڭگوغا كەلگەن چەت ئەللىك خادىملارنى تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق چىقىم قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ

2024.03.01 12:12 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو خەلق بانكىسى بۈگۈن چىقىم قىلىش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جۇڭگو خەلق بانكىسى ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، نىشان يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئارقىلىق يېتەكلەش، ئوخشاش بولمىغان توپلارنىڭ چىقىم قىلىش ئادىتىگە قارىتا، كۈچنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كەمتۈكلۈك ۋە ئاجىزلىقلارنى تولۇقلاپ، چىقىم قىلىش مۇلازىمىتى مەيدان قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چىقىم قىلىش مۇلازىمىتىنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ مەنبەلىك چىقىم قىلىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياشانغانلار، جۇڭگوغا كەلگەن چەت ئەللىك خادىملارنى تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق چىقىم قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، جەمئىيەت، خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش كۈچىنى تېخىمۇ زورايتىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ