مۇھىم خەۋەرلەر

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو-ئامېرىكا ئارمىيەلىرىنىڭ ئارخىپ ھەمكارلىقىدا يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى

2024.03.01 12:11 مەنبە: خەلق تورى

  29- چېسلا چۈشتىن كېيىن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى رەسمىيەتلىك مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئاچتى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى جاڭ شياۋگاڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو-ئامېرىكا ئارمىيەلىرىنىڭ ئارخىپ ھەمكارلىقىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى ئىلگىرىلەشلەرگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

  دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى جاڭ شياۋگاڭ: يېقىندا، جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، ھەربىي كومىتېت خەلقئارا ھەربىي ئىشلار ھەمكارلىق ئىشخانىسى ۋە ئارمىيە ئارخىپ تارمىقىنىڭ ياردىمىدە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەسىرلەر ۋە يوقاپ كەتكەنلەرنى ئىستاتىستىكا قىلىش ئىدارىسى جۇڭگوغا ئۆمەك ئەۋەتىپ، گۇاڭشى، خۇنەنلەردە نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە جۇڭگودا يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ جەسىتىنى ئىزدىدى، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كۆرۈلگەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم نەق مەيداندا تەكشۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو ئىنسانپەرۋەرلىك روھىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگودا يوقاپ كەتكەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ جەسىتىنى تېپىشقا ياردەم بېرىپ، ئەمەلىي ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ