مۇخبىرىمىز سۈن جېن
ئۇرۇق يېزا ئىگىلىكىنىڭ «ئۆزىكى». باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭگو ئۇرۇقىنى ئۆز قولىمىز بىلەن چىڭ تۇتقاندىلا، ئاندىن جۇڭگونىڭ تاماق قاچىسىنى چىڭ تۇتالايمىز، ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز.»
ئۈچ يىل ئىلگىرىكى ئەھۋالدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، شەندۇڭ تەيئەن شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى كۇڭ يىنىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە: 2021 - يىل 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ئۇ گېرمپلازما بايلىقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئەتىسى ئالاقىدار تارماقلار يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقىغا تاپشۇرۇپ بەردى، ئىككىنچى كۈنى يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى سىنلىق تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، جاۋاب قايتۇردى.
ۋەكىل كۇڭ يى مۇنداق دېدى: 2021- يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن يېپىلىپ بىر ھەپتىدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدىلا، يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق دېدى: ئۈچ يىل ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا يېزا ئىگىلىك گېرمپلازما بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش كېرەك.
«تاپتىم، دەل شۇ!»، ئۈچ يىلدىن بۇيان، ھەر قېتىم ياۋا يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئۆستۈرۈشكە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان يامغۇر پەسلىدە، يېمەكلىك زەمبۇرۇغى سورتىنى يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋەكىل كۇڭ يى ئەترەتنى باشلاپ تاغ ئىچكىرىسىدىكى قويۇق ئورمانلىققا بېرىپ گېرمپلازما بايلىقىنى يىغدى. بىر قېتىم دالىدا يىغقاندا، كۆزگە چېلىقمايدىغان بىرنەچچە تۈپ ياۋا مېھرىگىياھ ئۇنى گۆھەرگە ئېرىشكەندەك ھېس قىلدۇردى، سىرتقى كۆرۈنۈشى چىرايلىق ئەمەس، تېخى ناھايىتى نازۇك ئىدى. لېكىن ئۇنىڭدىكى پولىساخارىد مىقدارى ئادەتتىكى مېھرىگىياھنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولۇپ، ئاز ئۇچرايدۇ ھەم قىممەتلىك. مول گېرمپلازما بايلىقى سورت يېتىشتۈرۈش ماتېرىيالىنىڭ مۇھىم مەنبەسى، بىز يىغىپ قوغدىشىمىز، ياخشى پايدىلىنىشىمىز كېرەك.
يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا ئۇرۇق ئاساس. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «بۇ ئۈسكۈنە ئۇ ئۈسكۈنە، بۇ شارائىت، ئۇ شارائىت دەيمىز، سۈپەتلىك ئۇرۇق بولمىسا يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەس!»
مىللىي ئۇرۇقچىلىقنى يۈكسەلدۈرۈپ، ئۇرۇق مەنبەسى بىخەتەرلىكىنى دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىككە كۆتۈردى. 2021 - يىل 9 - ئايدا، دۆلەت زىرائەت ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقى ئامبىرى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ئومۇمىي سىغىمى 1 مىليون 500 مىڭ نۇسخىغا يېتىپ، ساقلاش ئىقتىدارى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. يېقىندا، مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك گېرمپلازما بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش تاماملىنىپ، يېڭىدىن 530 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك گېرمپلازما بايلىقى يىغىۋېلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەلا سورتلارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ مەنبە ئاساسى پۇختىلاندى.
ھەر يىلى قىش ۋە ئەتىيازدا، مىڭلىغان پەن تەتقىقات خادىملىرى خەينەن سەنيا ياجوۋ قولتۇقى بويىدىكى دۆلەت نەنفەن پەن تەتقىقات سورت يېتىشتۈرۈش بازىسىغا كېلىدۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىرسىيەت ۋە يېتىلىش بىيولوگىيەسى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى چېن فەن شۇلارنىڭ بىرى. ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇ نەنفەنگە بېرىپ شال يېتىشتۈرۈشتە چىڭ تۇردى، «نەنفەنلىكلەر جاپانى ئاز تارتمىدى»: بىر تەرەپتىن دېھقان بولۇپ، بىر تەرەپتىن پەن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللاندى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى ئۆزى ماسلاشتۇردى، پەن تەتقىقات سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ھەممىسى ئېتىزدا كۆزىتىشكە تاياندى؛ شۇ جايدا تەجىرىبىخانا بولمىغاچقا، يىغىۋېلىنغان ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش ماتېرىياللىرىنى بېيجىڭغا قايتۇرۇپ كېلىپ سىناق قىلىشقا توغرا كەلگەن.
2018- يىلىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ نەنفەنگە ئىككى قېتىم تەكشۈرۈشكە بېرىپ، «چوقۇم پەن تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، پەن - تېخنىكا ئالماشتۇرۇش، نەتىجە بىر گەۋدىلەشكەن پۈتۈن مەملىكەتكە مۇلازىمەت قىلىدىغان «نەنفەن كىرېمنىي جىلغىسى» قۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئۇرۇقى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تاپىلىدى. 2019 - يىل 2 - ئايدا، سەنيا ياجوۋۋەن پەن - تېخنىكا شەھەرچىسى باشقۇرۇش ئىدارىسى قۇرۇلدى، 2021 - يىل 5 - ئايدا، ياجوۋۋەن ئۇرۇقچىلىق تەجرىبىخانىسى ۋىۋىسكا ئېسىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
«ھازىر، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ مەسئۇل قىلىدۇ، تەجرىبە ئېتىزى ئۆزگىرىپ «ئاقىل ئېتىزى» بولدى، تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتلارنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ تۇرىدۇ. تەجرىبىخانىدىكى 7000 يۈرۈشتىن ئارتۇق ئۈسكۈنە ئوچۇق ھەمبەھرىلىنىپ، 200 دىن ئارتۇق پەن تەتقىقات كوللېكتىپىنى بىرلىشىپ تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا جەلپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كارخانا، كەسىپ ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، «تىزىملىكنى ئېچىپ قوماندانلىق قىلىش»نى تەشكىللەپ، ئۇرۇق مەنبەسى ئاچقۇچلۇق يادرولۇق تېخنىكىسى ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتتى.» دېدى قوشۇمچە ياجوۋۋەن ئۇرۇقچىلىق تەجرىبىخانىسىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى بولغان ۋەكىل چېن فەن.
2021- يىلى ئۇرۇقچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، 69 دېھقانچىلىق زىرائىتى، 86 چارۋا - قۇش، 121 سۇ مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق باشلامچى كارخانىدىن تەشكىللەنگەن دۆلەت ئۇرۇقچىلىق كارخانىسى سەپ شەكلىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىپ، سەپ تىپىدىكى كارخانىلارنىڭ پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، ئۇرۇقچىلىق بازىلىرى بىلەن ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا بىرلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، بىر تۈركۈم بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجە ۋە باسقۇچلۇق ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى.
ۋەكىل چېن فەن مۇنداق دېدى: «بىر تال ئۇرۇق بىر دۇنيانى ئۆزگەرتەلەيدۇ، بىر تۈرلۈك تېخنىكا بىر مۆجىزە يارىتالايدۇ.»
بىر تال ئۇرۇق قانداق قىلىپ 100 مىليارد تال ئۇرۇققا ئايلىنىدۇ؟ گەنسۇ خېشى كارىدورى، نەنفەن قاتارلىق جايلاردا تاللاپ يېتىشتۈرۈلگەن كۆممىقوناقنىڭ ئەلا سورتىنى شۇ جايدا كۆپەيتىش، ئۇرۇق ئىشلەش ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەت يېرىمغا يېقىن كۆممىقۇناق ئۇرۇقى بىلەن تەمىنلىدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم، بىخەتەر تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش باشتىن - ئاخىر يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشتىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش»، «ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى يەنىلا تېرىلغۇ يەر ۋە ئۇرۇقتىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش».
خېشى كارىدورىدىكى تەخمىنەن % 78 ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىنىپ، ماشىنىلاشقان، ئەقلىي ئىقتىدارلىق باشقۇرۇش ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، گەنسۇ ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى ما جۇڭمىڭ مۇنداق دېدى: « ئۇرۇق ئىشلەشنىڭ مۇنبەت ئېتىز، ياخشى ئۇسۇل، ياخشى پۇرسەت قاتارلىقلارغا بولغان تەلىپى ناھايىتى يۇقىرى. مەسىلەن، ئۇرۇقنىڭ ساپلىق دەرىجىسى ۋە بىخلىنىش نىسبىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دەل جايىدا سۇ، ئوغۇت بىلەن تەمىنلەشكە توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىنچىكە سۇ، ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە، «ئەقىل – پاراسەت»تىن ئىبارەت ئېتىز پەرۋىشىنى يۈرۈشلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
ئەزا ما جۇڭمىڭ مۇنداق دېدى : 2023- يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، مەن ۋە بەزى ئەزالار يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز - ئېرىق قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش تەكلىپىنى بەردۇق، شۇ يىلى ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلارنىڭ جاۋابىنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق. يېقىندا مالىيە مىنىستىرلىقى مەركەز مالىيەسىنىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز - ئېرىق قۇرۇلۇشىغا مەركەز ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك مەبلەغ ياردىمى بېرىش سەۋىيەسىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ھازىرغا قەدەر، مەملىكەت بويىچە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز جەمئىي 1 مىليارد مودىن ئاشتى، يېڭى دەۋردە ئاشلىقتىن ئۇدا مول ھوسۇل ئېلىندى، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگولۇقنىڭ تاماق قاچىسى تېخىمۇ پۇختا بولدى.
«يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك دۆلەت بەرپا قىلىش، ئىشلەش، كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ.»، ۋەكىللەر، ئەزالار مۇنداق بىلدۈردى: «گۈزەل باھار نۇرىنى كۈتۈۋېلىپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، جاپالىق، ئەمەلىي ئىشلەپ، يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش نىشانىغا پۇختا قەدەم تاشلايمىز».
مەنبە: خەلق تورى