بېيجىڭ شەھىرى مېنتوۋگوۋ رايونى تەنچاڭ كەنتىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، تەنچاڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى شىڭ ۋېيبىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇ ئەمدىلا زىيارەت قىلىپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەن ئىدى. «مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» پات ئارىدا ئېچىلىدۇ، مەن ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئويىنى يەنىمۇ چۈشىنىشىم كېرەك.» شىڭ ۋېيبىڭ مۇنداق دېدى: «ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ساداسىنى ئىنكاس قىلىش مېنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىم.»
2023- يىلى، شىڭ ۋېيبىڭ ناھايىتى ئالدىراش بولدى.
كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلاندى، پۈتۈن كەنتتىكىلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، كەنتتىكى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان شېنچۈەنشيا مەنزىرە رايونى قايتىدىن ئېچىۋېتىلدى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ كۆپ مەيدان بېيجىڭ ئىچى - سىرتىدىكى ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى. «كەنتىمىز ئېكولوگىيەلىك ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرغاچقا، بارغانلا يېرىمدە شۇ جاينىڭ ساياھەت تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىمەن.» دېدى شىڭ ۋېيبىڭ.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، شىڭ ۋېيبىڭ بىر قىسىم يېزا - كەنتلەرنىڭ ئەسلىدىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى، قاتناش شارائىتىنىڭ يامان ئەمەسلىكىنى، لېكىن مەنزىرە رايونىنىڭ يانداش ئەسلىھەلىرىنىڭ يېتىشەلمەيۋاتقانلىقىنى، ساياھەت تەرەققىيات ئۈنۈمىنىڭ كۆزلىمە نىشانغا يەتمىگەنلىكىنى بايقىدى. بەزى جايلاردا، تازىلىق ئۆيىگە بېرىش، ئۇششاق تاۋارلارنى سېتىۋېلىش ناھايىتى قولايسىز، ساياھەت تەسىراتى ناھايىتى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. شىڭ ۋېيبىڭ مۇنداق دېدى: «بۇ خىل ساياھەت تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان تەبىئىي مۇھىت يامان ئەمەس، قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى ئاجىز بولۇش ئەھۋالى مېنى بەك ئەپسۇسلاندۇردى.
«ئەگەر سىياسەت، مەبلەغ جەھەتتىن قوللاشنى زورايتىپ، بۇ جايلارنىڭ يانداش ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرگىلى بولسا، شۇ جاينىڭ ساياھەت كەسپى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىدۇ، تېخىمۇ كۆپ ئامما ئېكولوگىيە ساياھىتىنىڭ 'تاماق قاچىسى'نى تېخىمۇ پۇختا كۆتۈرەلەيدۇ.» دېدى شىڭ ۋېيبىڭ.
مۇخبىر خاتىرىسى
كۆپ كۆزىتىش، پات - پات ئويلىنىش، مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىش
ئېكولوگىيەلىك ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى، سۇ ئامبىرىنىڭ سۇ ساقلاش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى... مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولغاندىن كېيىن ، شىڭ ۋېيبىڭ تەنچاڭ كەنتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماي، يەنە نەزىرىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ تېخىمۇ كۆپ تەرەپلىرىگە قاراتتى.
كۆڭۈل بۆلىدىغان ساھەلەر كۆپ بولسا، ئىقتىدارىمۇ يېتىشىپ مېڭىشى كېرەك. كۆپرەك كۆزىتىش، ئىجتىھات بىلەن ئويلىنىش، ئامما ئۈچۈن ياخشى گەپ قىلىش ، ياخشى ئىش قىلىش، خەلق ماڭا بەرگەن ھوقۇقنى ياخشى ئادا قىلىشىم كېرەك.»، بۇ شىڭ ۋېيبىڭنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش تەسىراتى، شۇنداقلا ئۇنىڭ بوشاشماي ئىنتىلىشى.
مەنبە: خەلق تورى