يېقىنقى مەزگىلدە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، خېنەن يېزا ئىگىلىك داشۆسى ئورمانچىلىق شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى فەن گوچياڭ ئىزچىل يېزا رايونلىرىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. چاغاننىڭ ئالدى - كەينىدە نۇرغۇن كىشىلەر يۇرتىغا قايتىدۇ، دېھقانلار ئاممىسىنىڭ ئويىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنگىلى بولىدۇ. فەن گوچياڭ مۇنداق دېدى: «ئۆتكەن بىر يىلدا، مەن نۇرغۇن يېزىلارغا باردىم، ئەڭ چوڭ تەسىراتىم شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئورمان بىنا قىلىشقا ماس كېلىدىغان جايلاردا ئورمانچىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتكەندىلا، ئورمانچىلىقنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.»
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۇ يېزا رايونلىرىنىڭ ئورمانچىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاش توغرىسىدا تەكلىپ تەييارلىدى. ئۇ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئورمانچىلىقنىڭ گېرمپلازما بايلىقىنى يېتىشتۈرۈش ۋە قوغداش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئۆز جايىنىڭ شارائىتىغا قاراپ دەرەخ تۈرلىرىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈپ، ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.
فەن گوچياڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ئېكولوگىيەسىنى كۆزىتىش ۋە قوغداشنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىش پونكىت - نۇقتىلىرىنى قۇرۇش ۋە يىراقتىن سېزىش تېخنىكىسىنى ئىشلىتىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، ئېكولوگىيە ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاش ھەم ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.
بۇ يىل فەن گوچياڭ يەنە چوڭ يېمەكلىك قارىشىنى يەنىمۇ ئەمەلىيەتتىن كۆرسىتىش، تېخىمۇ كۆپ ئورمان يېمەكلىكلىرىنى ئورمانلىقتىن تاماق ئۈستىلىگە چىقىرىش توغرىسىدا تەكلىپ تەييارلىدى. ئىقتىسادىي ئورمانلىقتىكى نۇرغۇن ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مېۋىسى، ئۇرۇقى، يىلتىزى قاتارلىقلار كىشىلەرنى بىۋاسىتە يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەيدۇ، پۇقرالارنىڭ تاماق ئۈستىلىنى موللاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەميېنىنى تولۇقلىيالايدۇ. فەن گوچياڭ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ ئارقىلىق يېمەكلىك مەنبەسىنى بېيىتىپ، كۆپ مەنبەلىك يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلالايمىز.»
مۇخبىر خاتىرىسى
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش چوڭقۇر بولسا، تەكلىپ ئاندىن جايىدا بولىدۇ
بىر دەستە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، زىيارەت قىلىش قول يازمىلىرى، پارچە-پارچە ئېتىز - ئېرىق، ئورمانلارنىڭ سۈرەتلىرى، بىر پارچە بىر پارچىدىن قايتا - قايتا ئۆزگەرتىلگەن تەكلىپ – تەۋسىيەلەر، فەن گوچياڭنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈشتەك خىزمەت ھالىتىنى، ئۇنىڭ مەۋقەنى كەسىپكە قويۇش، خەلق ئۈچۈن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىشتەك ئەمەلىي ئىشلەش، مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش چوڭقۇر بولسا، تەكلىپ ئاندىن جايىدا بولىدۇ. فەن گوچياڭ مۇنداق دېدى: ئېتىز - ئېرىق باشلىرىغا ھەقىقىي بېرىپ، ئاممىنىڭ ھەقىقىي ئېھتىياجىنى، ئاممىنىڭ رېئال گاڭگىراشلىرىنى چۈشەنگەندىلا، ئاندىن ئاساسىي قاتلام دۇچ كەلگەن مەسىلە ۋە سەۋەبلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ «ياخشى رېتسېپى»نى تاپقىلى بولىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى