مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ئاسىيا لوڭقىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدە ياپونىيە كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالدى

2024.02.26 18:32 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2025-يىللىق ئەرلەر ۋاسكېتبول ئاسىيا لوڭقىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ C گۇرۇپپا 2-ئايلانما گۇرۇپپا مۇسابىقىسى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدىكى يوۋمىڭ تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا 73:76 نەتىجە بىلەن ياپونىيە كوماندىسىغا يېڭىلىپ، بىرمەيدان ئۇتۇش، بىر مەيدان ئۇتتۇرۇش نەتىجىسى بىلەن، ۋاقتىنچە گۇرۇپپا بويىچە 2-بولدى.

  جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ياش توپچىلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، باش تېرىنېر جورجىيېۋىچ مۇسابىقىدىن بۇرۇن كوماندىنىڭ نىشانى غەلىبە قىلىش ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە ئارقىلىق ياش كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ياپونىيە كوماندىسى تەرەپتە، ئالدىنقى مەيداندىكى گۇئام كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىگە سېلىشتۇرغاندا، فۇجيەن يۇڭشۇ، خېسۈن يۇڭخۇي، بىجياڭ داۋشېن قاتارلىق ئاساسلىق توپچىلارنى ساقلاپ قالغاندىن باشقا، ماچاڭ شيوڭدا ۋە چەتئەلدىن كىرگۈزگەن توپچى خاۋكىنسون قايتىدىن 12 كىشى تىزىملىكىگە كىردى.

  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە خۇ جىنچيۇ 23 نومۇر ۋە 12 گاردىن قايتقان توپنى تارتىۋېلىشتەك «ئىككى جۈپ» نەتىجىگە ئېرىشتى، خۇ مىڭشۈەن 20 نومۇر تۆھپە قوشتى. ياپونىيە كوماندىسىدىن ماچاڭ شيوڭدا پۈتۈن مەيداندىكى ئەڭ يۇقىرى بولغان 24 نومۇرغا ئېرىشتى.

  جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى گاردىن قايتقان توپ، ئىككى نومۇرلۇق توپنى كىرگۈزۈش نىسبىتى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلاردا ياپونىيە كوماندىسىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ھالقىلىق پەيتتە ياش كوماندا ئەزالىرى تەڭلىشىش ھەتتا ئېشىپ كېتىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتالمىدى. جورجىيېۋىچ مۇسابىقىدىن كېيىن «بۇ بىر مەيدان تىركىشىش مۇسابىقىسى، بىز ناھايىتى ياخشى باشلىدۇق، لېكىن سەۋەنلىكنى ئازايتىش ۋە كۆڭۈل قويۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە يەنىلا يېتەرسىزلىك بار. بۇ مۇسابىقە بۇنىڭدىن كېيىنكى ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى قىممەتلىك تەجرىبە بولۇپ قالىدۇ» دېدى.

  ئەرلەر ۋاسكېتبول ئاسىيا لوڭقىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ، جۇڭگو كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا گۇئام كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ