مۇھىم خەۋەرلەر

«مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ 50 مىڭ يۈەن تاپقىلى بولامدۇ؟» ئالدامچىلارنىڭ پەردازىنى قانداق يىرتىپ تاشلاش كېرەك؟

2024.02.26 18:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «دۆلەت بىر خىل رەقەملىك پۇل تارقاتتى، بىر ئادەم پەقەت بىر قېتىم سېتىۋالالايدۇ، بىر زاكاز 1000 يۈەن، يىل ئاخىرىدا ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 50 مىڭ يۈەن تاپقىلى بولىدۇ» ... نۇرغۇن ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار بۇ گەپكە ئىشىنىپ، بەس-بەس بىلەن تالىشىپ سېتىۋالغان، ھەتتا ئائىلىسىدىكىلەر، دوستلىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرى بىلەن سېتىۋالغان. يېقىندا تەپتىش ئورگانلىرى بۇ دېلودىكى 12 ئاساسلىق جىنايەت گۇماندارىنى ئەيىپلىدى. ئالتە يىلدا بۇ ئالدامچىلىق جىنايەت شايكىسى 10 مىڭدىن ئارتۇق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى ئالدىغان.

  «مىڭ يۈەن مەبلەغ سالسا 50 مىڭ يۈەن پايدا ئالغىلى بولىدۇ» دەۋالغان پايدا نىسبىتىگە قارىتا، مەبلەغ سېلىش ساۋاتلىرىغا ئىگە ھەرقانداق ئادەم ئانچە ئىشىنىپ كەتمەيدۇ. گەرچە بۇنداق ئالدامچىلىق قارىماققا ناھايىتى قوپال بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئەپچىل پەردازلاش ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش ئېڭى ئاجىز نۇرغۇن ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنى قىلتاققا چۈشۈرگەن. مودا ئۇقۇمدىن پايدىلىنىپ ساختا «دۆلەت سىياسىتى»نى ئويدۇرۇپ چىقىرىش ئالدامچىلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشتىكى مەغلۇب بولمايدىغان ھىيلىسىگە ئايلانغان.

  ئالدامچىلىق شايكىلىرىغا زەربە بېرىش ۋە ئۇلارنى جازالاشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خۇددى دېلو بېجىرگۈچى ساقچى كۆرسەتكەندەك ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار توپىغا بولغان ئالدامچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇش زۆرۈر. ئالدامچىلار نىشانلىغان كىشىلەر توپىنىڭ ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىش ئېڭى ئۆسۈپ، ھوشيارلىقى كۈچەيسە، ئالدامچىلار تەبىئىيلا ئامالسىز قالىدۇ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار سىياسەتلىرىنىڭ نوپۇزى ئاندىن ئۈنۈملۈك قوغدىلىدۇ.

  ئالدامچىلار ئالدامچىلىقنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، تېخىمۇ كۆپ پۇل-مالنى ئالداپ ئېلىۋېلىش ئۈچۈن ھەمىشە ياشانغانلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا خاسلاشقان ئالدامچىلىق ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. مەسىلەن، چەت تاغلىق رايونلار، يېزىلاردىكى ياشانغانلارنىڭ ئۇچۇر قوبۇل قىلىش يوللىرى بىرلا خىل، ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىش ئېڭى ئاجىز بولغاچقا، ئالدامچىلار «ئۇچۇر پەرقى» ئارقىلىق ئۇلارنى ئالدام خالتىغا چۈشۈرۈشى مۇمكىن؛ شەھەر-بازارلاردىكى ياشانغانلار ئاسانلا ئۆزىنىڭ تۇرمۇش دائىرىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، ئالدامچىلار دائىرىلەشكەن ۋىرۇس شەكىللىك ئالدامچىلىقى ئارقىلىق بىر تۈركۈم ياشانغانلارنى ئالدام خالتىسىغا چۈشۈرىدۇ. شۇڭا، ئالدامچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتىدا نىشانلىق ئوق ئېتىپ، ياشانغانلارنى ئىغۋاغا ئىشەنمەي، ئالدامچىلىقتىن يىراق تۇرغۇزۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ