مۇھىم خەۋەرلەر

ئادەمنى «قىسىۋېلىپ» پارا تەلەپ قىلىش ئاخىرىدا ئۆزىنى ۋەيران قىلىدۇ

2024.02.26 18:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، «جۇڭگو ئىنتىزام تەكشۈرۈش-رېۋىزىيە گېزىتى»نىڭ ماقالىسىدە يۈننەن ئۆلكىسى ۋېنشەن ئوبلاستلىق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى لى چىڭمىڭنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش دېلوسى تەھلىل قىلىندى. ماقالىدە، لى چىڭمىڭنىڭ قولىدىكى تۈر پىلانىنى تەستىقلاش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ يېيىش، ئېلىۋېلىش، قىسىۋېلىش، تەلەپ قىلىش، پۇل، نەرسە سوۋغا قىلىنسا تېزرەك تەستىقلاش، سوۋغا قىلىنمىسا «كەينىگە سۆرەش»، ئومۇمنىڭ ھوقۇقىنى ئۆزىنىڭ «بېيىش» مەنبەسى قىلىۋالغانلىقى، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تەرەققىيات سودىگەرلىرىنىڭ جەمئىي ئۈچ مىليون 500 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل-مېلىنى قانۇنسىز قۇبۇل قىلغانلىقى، تەلەپ قىلغانلىقى تىلغا ئېلىندى. لى چىڭمىڭ ئومۇمنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ «چازا قۇرۇپ» پارا تەلەپ قىلىپ، تۈرنى تەستىقلاش رىتىمىنى تىزگىنلىۋېلىپلا قالماي يەنە ئۆزىنىڭ ئىستىقبالىنى بوغۇپ، ئۆزىنى قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشنىڭ تىك قىياسىدىن ئىتتىردى.

  سۈنئىي «چازا قۇرۇش»تىكى مەقسەت ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلەش. كۆرۈنۈشتە ئېنىق دېمىسىمۇ لېكىن يوشۇرۇن «چازا قۇرۇپ» قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇپ، «قائىدە بىلمەيدىغان» كىشىلەرگە ۋەزىپىسىنى پاسسىپ ئادا قىلىش ئۇسۇلى بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، قارشى تەرەپنى بويسۇندۇرغان، لى چىڭمىڭنىڭ ئاچكۆزلەرچە مەقسىتىگە يەتمىگۈچە بولدى قىلمايدىغان ئەسلى قىياپىتى تولۇق ئاشكارىلانغان. بەزى سودىگەر-خوجايىنلارنىڭ رەت قىلىشقا جۈرئەت قىلالماسلىقى، ئۇنى رەنجىتىپ قويۇشتىن قورقۇشىدىكى سەۋەب دەل ئۇنىڭ قولىدىكى تۈر پىلانىنى تەستىقلاش ھوقۇقىدۇر. ئەمەلىيەتتە لى چىڭمىڭغا ئوخشاش «چازا قۇرۇپ» پارا تەلەپ قىلىدىغان پارتىيەلىك كادىرلار ئاز ئەمەس. خۇبېي ئۆلكىسى شياڭياڭ شەھىرى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى ماۋ بېي «پۇقراۋى مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ئىجازەتنامىسى»نى تەكشۈرۈپ تارقىتىشتەك ۋەزىپە قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئىشلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن پارا تەلەپ قىلىش قورالى قىلىپ، تەۋەلىكىدىكى بەش پۇقراۋى يەسلىدىن جەمئىي 200 مىڭ يۈەن نەق پۇل تەلەپ قىلغان. جېجياڭ ئۆلكىسى دۇڭياڭ شەھەرلىك جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتكومىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جياڭ بو جياڭبېي كوچىسىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، زاۋۇت ئۆيلىرىنى پىلانلاشنى تەستىقلاش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ تەستىقلاش شەرتىنى قىسىۋېلىش، تەستىقلاش ۋاقتىنى كەينىگە سۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق سۈنئىي توسالغۇ پەيدا قىلىپ، ھوقۇقنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئىشلەتكەن. بۇ ئىجارىكەشلىك قىلمىشلىرى ھوقۇقنى باھاسى ئېنىق يېزىپ قويۇلغان «تاۋار» قاتارىدا كۆرۈپ، مۇلازىمەت قىلىشنى شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلەيدىغان قورال دەپ قارىغان، بۇ ئومۇمنىڭ ھوقۇقىنىڭ شەخسىي ھوقۇققا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ھەم پارتىيەنىڭ غايە-مەقسىتىگە خىلاپ ھەم پارتىيەنىڭ ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزۈپ، ئىجتىمائىي كەيپىياتنى بۇزىدۇ.

  بۇنداق «چازا قۇرۇپ» پارا تەلەپ قىلىش تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا ئىدىيەنىڭ «باش جۈمىكى»دىن مەسىلە چىققانلىق بولۇپ، ئىنتىزام-قانۇن ئېڭى ئاجىز، ھوقۇقتىن ئەيمىنىش كەمچىل بولغانلىقتۇر. ئومۇم ھوقۇقىنى خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىش لازىم. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ھۆكۈمەت خادىملىرى پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىنى بىر ياققا قايرىپ قويغاندىن كېيىن، ھوقۇقنىڭ ئۆز بېشىمچىلىقىدىن پەيدا بولغان خۇشاللىق ئەيمىنىش تۇيغۇسىنى يوققا چىقىرىدۇ، نازارەت قىلىش ۋە چەكلەش مۇھىتىدا خىزمەت قىلىشقا، تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئادەتلەنمىسە، بوران-چاپقۇننىڭ سىنىقىدا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، «قورشاپ ئوۋلاش» ئالدىدا ئۆزىنى تۇتالمايدۇ، چوڭقۇر ھاڭغا چۈشۈپ كېتىشتىنمۇ ساقلانغىلى بولمايدۇ.

  «چازا قۇرۇپ» پارا تەلەپ قىلىش قىلمىشىغا يوشۇرۇنىدىغان جاي قالدۇرماسلىق ئۈچۈن، بۇ خىل قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قاتتىق جازالاپ، قەتئىي مادارا قىلماي، بىرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، بىر تۈركۈم كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاچقۇچلۇق ئىش ئورنى، نۇقتىلىق كىشىلەر، بولۇپمۇ «بىرىنچى قول باشلىق»لارنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈشكە چەك قويۇش، نازارەت قىلىش سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھوقۇقنى پۇختا ئىشلىتىش «رول»ىنى ھەقىقىي ئىگىلەپ، ھوقۇقنى پاك ئىشلىتىش، ئۆز نەپسىدىن كېچىپ ئومۇم ئۈچۈن ئىشلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك. پارتىيەلىك كادىرلار لى چىڭمىڭ قاتارلىقلارنى ئەينەك قىلىپ، باشتىن-ئاخىر ئەيمىنىش تۇيغۇسىنى ساقلاپ، ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ ھوقۇق قارىشىنى تۈزىتىپ، ئومۇمنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ «چازا قۇرۇپ» پارا تەلەپ قىلىشتەك خاتا ئىدىيەنى ئۈزۈل-كېسىل چۆرۈپ تاشلاپ، ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىش، خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ