ئىش ئۈستىلىدە ئىقتىسادشۇناسلىق مەخسۇس ئەسەرلىرى قاتمۇقات تۇرغان؛ كومپيۇتېر يېنىدا بىر بەت - بىر بەتتىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خاتىرىسى زىچ يېزىلغان ئىدى. خۇاڭ ماۋشىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇ ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپىنى يېزىۋاتاتتى.
خۇاڭ ماۋشىڭ 13-، 14- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، فۇجيەن ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى. «بىر ئىقتىسادشۇناس بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پۇختا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ھەقىقىي مەسىلىلەرنى بايقىشىم، ھەقىقىي مەسىلىلەرنى بايقىشىم كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا قاراتمىلىققا ئىگە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويالايمەن.»، خۇاڭ ماۋشىڭ مۇنداق دېدى: «بۇلتۇر مەن كۆپ قېتىم ئىشلەپچىقىرىش سېخى ۋە ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدىم.»فۇجيەن پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى چوڭ ئۆلكە، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ئۇزاققىچە سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش فۇجيەننىڭ يېڭى دەۋردىكى پۇقراۋى ئىگىلىكتە كۈچلۈك ئۆلكە قۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى ئاچقۇچلۇق تۇتقا. خۇاڭ ماۋشىڭ باشچىلىقىدىكى تەتقىقات كوللېكتىپى فۇجيەن ئۆلكىلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇدا بەش يىل فۇجيەن ئۆلكىسىدىكى 100 كۈچلۈك پۇقراۋى كارخانىنىڭ تەرەققىيات دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، فۇجيەن ئۆلكىسى پۇقراۋى ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئاساس سالدى.
«يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، بىز تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشۇشىغا ياردەم بېرىپ، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇشىمىز كېرەك.»، خۇاڭ ماۋشىڭ مۇنداق دېدى: «ئادەتتىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، سۆھبەتلىشىش جەريانىدا، مەن بەزى پۇقراۋى كارخانىچىلار بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇردۇم، ھازىر ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنىڭ ئالاقە يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت بىلەن سودىگەرلەرنىڭ ئالاقە ھەرىكىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈپ قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىۋاتىمەن».
ئۆتكەن بىر يىلدا، خۇاڭ ماۋشىڭ جايلارغا بېرىپ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھى قاتارلىق 20 نەچچە مەيدان لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇ يەنە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشتى ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشىگە قاتناشتى. «ھەم <نۇقتا>نىڭ ئالاھىدىلىكىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ ھەم <دائىرە>نىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىگىلى بولىدۇ، مېنىڭ مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىش نەزەر دائىرەم زور دەرىجىدە كېڭەيتىلدى.» خۇاڭ ماۋشىڭ مۇنداق دېدى: «مەن نۆۋەتتىكى تەرەققىياتقا داۋاملىق دىققەت قىلىپ، تەتقىقات ئارتۇقچىلىقىمنى جارى قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ ئىشلەپ، كۆڭۈل قويۇپ تەتقىق قىلىپ، قىزىق نۇقتا ۋە ئالدىن كۆرەرلىك، ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ پائال چارە - تەدبىر كۆرسىتىمەن.
مۇخبىر خاتىرىسى
ھەم مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانى، شۇنداقلا مۇلازىمەت جەريانى
خۇاڭ ماۋشىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قەدىمى توختىمىدى. پىكىر ئالماشتۇرغاندا، ئۇ باشتىن ـ ئاخىر «تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش» دېگەن سۆزدىن ئايرىلالمىدى. مەسىلىنى ھەقىقىي بايقاش، ھەقىقىي مەسىلىنى بايقاش ئۇنىڭ كەنتكە بېرىپ كارخانىغا كىرىشتىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەقسىتى. خۇددى ئۇ ئېيتقاندەك: «تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانى ھەم مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانى، ھەم مۇلازىمەت جەريانى.»، پەقەت ئاممىدىن ئېلىپ، ئاممىغا قايتۇرۇشتا چىڭ تۇرغاندىلا، ئاندىن بىرىنچى سەپتىكى ئەھۋاللارنى ھەقىقىي ئىگىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ۋەكىللەر تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغىلى بولىدۇ.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىگە سايلانغاندىن بۇيان، خۇاڭ ماۋشىڭنىڭ نۇرغۇن تەكلىپلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى ھەمدە ئەمەلىي سىياسەت - تەدبىرلەرگە ئايلاندى.
مەنبە: خەلق تورى