كارخانىلارنىڭ ئاردېئالىتنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتا قانداق قىيىنچىلىقلىرى بار، ئۇنى قايسى جەھەتلەردە يەنىمۇ قوللاشقا توغرا كېلىدۇ؟ يېقىندا، سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقلىرىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش تېمىسىنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلغان بىر مەيدان سەمىمىي سۆھبەت يىغىنى گۇيجوۋنىڭ گۇيياڭدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن چاقىرغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى گۇيجوۋ ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى، گۇيجوۋ داشۆسى ئىلغار تېخنىكا تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى چېن چيەنلىن بىر تەرەپتىن ئاڭلاپ، بىر تەرەپتىن خاتىرە قالدۇردى ھەم كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.
قانداق قىلىپ كان بايلىقنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتىنى تولۇق قويۇپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بايلىق ئىسراپچىلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، تەبىئىي مۇھىتقا بولغان بۇزغۇنچىلىقنى ئۈنۈملۈك ئازايتىپ، يېشىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش چېن چيەنلىن ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان تېما بولۇپ قالدى.
چېن چيەنلىن زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، قىسمەن جايلاردا ئىنچىكە پىششىقلاش دەرىجىسى يېتەرلىك بولماسلىق، كەسىپ زەنجىرى بىر قەدەر قىسقا بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ساقلانغانلىقىنى، قىسمەن خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرىنىڭ سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقلىرىنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش، ئەڭ يېڭى پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش، قوللىنىش جەھەتتە يەنىلا بىرقەدەر ئارقىدا قالغانلىقىنى بايقىدى.
چېن چيەنلىن خۇبېي، جياڭشى ۋە گۇيجوۋدىكى ئالاقىدار پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە كارخانىلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، جايلارنىڭ تەجرىبە ۋە ئۇسۇللىرىنى ئىگىلىدى. ھەر قېتىملىق نەق مەيداننى تەكشۈرۈش، ئالماشتۇرۇش، سۆھبەتلىشىش جەريانىدا، چېن چيەنلىن تەدرىجىي ھالدا تەكلىپ يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇردى: «كۆپ مىقدارلىق سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقلىرىنى ئۈنۈملۈك تۈزەش ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە بولۇپ قالدى، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، كۆپ تەرەپ يۆلەش، ئورتاق ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.» ئۇ دۆلەت قاتلىمىدىن كۆپ مىقدارلىق سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقلىرىنى تۈزەش ئۆلچىمىنى تېزدىن ئورنىتىپ، ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ تۈزەشكە پائال قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىش تەكلىپىنى بەردى.
چېن چيەنلىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئالماشتۇرۇش سۇپىسى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئالاقىدار ساھەلەردىكى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ئالاقە، ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش، كان بايلىقىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشىمەن.»
مۇخبىر خاتىرىسى
كەسىپ ئىستىقبالىغا كۆڭۈل قويۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش
زىيارەت داۋامىدا، چېن چيەنلىن ئەڭ ئاز بايلىق سەرپىياتى ئارقىلىق ئەڭ زور ئىقتىسادىي ئۈنۈم، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ياخشى تىرەك بولۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش كېرەكلىكىنى قايتا - قايتا تىلغا ئالدى.
ئۇزاقتىن بۇيان، چېن چيەنلىن كەسىپتىكى قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا، ئاغرىش نۇقتىسى ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى مەسىلىلەرگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، سىستېمىلىق تەپەككۇر قىلىش ۋە ئەتراپلىق تەتقىق قىلىش ئارقىلىق تەكلىپنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى. «ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش»، «بايلىقتىن پايدىلىنىش»، «تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش» ئىزچىل ئۇنىڭ تەكلىپىدىكى ئاچقۇچلۇق سۆز بولۇپ كەلدى. ئۇ ئاسمىنى كۆك، تاغلىرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك، تۇپرىقى پاكىز مۇھىتنى قوغداش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشماقتا.
مەنبە: خەلق تورى