مۇھىم خەۋەرلەر

ئەزا جياڭ مىڭ--

ئىلمىي تەھلىل قىلىش، «قارا تۇپراق ئاشلىق ئامبىرى»نى قوغداش، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش (ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ھېكايىسى)

2024.02.23 10:59 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرىمىز جېڭ جىۋېن

  2024- يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقىي شىمال جۇغراپىيە ۋە يېزا ئىگىلىك ئېكولوگىيەسى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى جياڭ مىڭ تەكلىپنى ئەستايىدىل تەييارلاۋاتىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جياڭ مىڭ باشتىن - ئاخىر دىققەتنى قارا تۇپراقنى قوغداشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كونكرېت مەسىلىلەرنى ئىگىلەپ، ئىلمىي، ئىنچىكە تەھلىل قىلىپ، «قارا تۇپراق ئاشلىق ئامبىرى»نى قوغداش ئۈچۈن پەن - تېخنىكا كۈچى قوشتى. 2023- يىلى، جياڭ مىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا كۆممىقوناق شېخىنى تايلاپ ئېتىزدىن ئايرىلغاندا قارا تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىش مەسىلىسى بارلىقىنى ئىگىلىدى. «ھازىر شاخ - شۇمبا ئېتىزدىن ئايرىلىپ شەرقىي شىمالدىكى كۆپ قىسىم رايونلاردا نورمال ھالەتكە كىردى. بۇ جەرياندا بىر قىسىم قارا تۇپراقنى ئېلىپ كېتىدۇ، مۇشۇنداق كېتىۋەرسە قارا تۇپراقنى قوغداشقا خىرىس ئېلىپ كېلىدۇ.

  مەسىلە بايقالغاندىن كېيىن، جياڭ مىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۆمىكىنى باشلاپ لياۋنىڭ، جىلىن ۋە خېيلۇڭجياڭغا بېرىپ، نۇرغۇن يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە كارخانىلارنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم 11 نۇقتىلىق كارخانىنىڭ شاخ - شۇمبىلىرىنى ئوراپ ئېتىزدىن ئايرىغان توپا مىقدارىنى ئۆلچەپ چىقتى.

  جياڭ مىڭ تەپسىلىي سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، شاخ – شۇمبىلارنى ئوراپ ئېتىزدىن ئايرىپ كەلتۈرۈپ چىقارغان قارا تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىش مىقدارىنىڭ شاخ - شۇمبىلارنى باغلاش ماشىنا - سايمانلىرىنىڭ ئىقتىدارى، مەشغۇلات پەسلى، مەشغۇلات ئۇسۇلى، تۇپراق ئەھۋالى قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

  قارا تۇپراققا رىشتە باغلاپ، ھەقىقىي مەسىلىنى ھەل قىلىش. چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، جياڭ مىڭ مۇنداق قارىدى: شاخ - شۇمبىلارنى ئېتىزدىن ئايرىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، پەن - تېخنىكا سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ شاخ - شۇمبا باغلاش ماشىنىسىنىڭ چاڭ - توزان تازىلاش ئۈسكۈنىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىلاپ، توپا مىقدارىنى مەنبەدىن تۆۋەنلىتىش كېرەك؛ ئوخشاش بولمىغان رايونلارنىڭ شاخ - شۇمبىلارنى ئېتىزغا قايتۇرۇش ئەندىزىسىنى تۈرگە ئايرىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، شاخ - شۇمبىلارنىڭ توپا ئېلىپ يۈرۈش تەسىرىنى ئازايتىش كېرەك.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جياڭ مىڭ يەنە يالانغان جىلغىنى تۈزەش، شورلۇق يەرنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق قارا تۇپراقنى قوغداشتىكى كونكرېت مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. «بىزمۇ قارا تۇپراقنى قوغداش ئېلىپ كەلگەن ئۇزاق مۇددەتلىك ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈمگە دىققەت قىلىۋاتىمىز، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە ئىلمىي تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، قارا تۇپراقنى تېخىمۇ زور ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.» دېدى جياڭ مىڭ.

  مۇخبىر خاتىرىسى

  نەزىرىنى تېرىلغۇ يەرنى قوغداشقا قاراتتى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قىسمەن رايونلارنىڭ قارا تۇپرىقى «نېپىز»، «ئورۇق»، «قاتتىق» بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، مەركەزدىن تارتىپ يەرلىككىچە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، قارا تۇپراقنى قوغداشنى يولغا قويۇش دائىرىسىنى سىجىل كېڭەيتىپ، «تېرىلغۇ يەردىكى مۈشۈكئېيىق»نى ياخشى قوغدىدى. «قارا تۇپراقنى ياخشى قوغداش بىزنىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسىمىزنى ياخشى قوغدىغانلىق»، بۇ سۆز جياڭ مىڭنىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولغاندىن بۇيانقى تېخىمۇ چوڭقۇر تەسىراتى.

  پەن تەتقىقات خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جياڭ مىڭ پۈتۈن زېھنى بىلەن «قارا تۇپراق ئاشلىق ئامبىرى» پەن - تېخنىكا بىرلەشمە جېڭىنى ياخشى قىلىپ، نەزىرىنى قارا تۇپراققا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىلمىي ماقالىنى كەڭ زېمىنغا يېزىپ، قارا تۇپراقنى قوغداش ئۈچۈن پەن - تېخنىكا قانىتىنى قادىدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ