مۇھىم خەۋەرلەر

ۋەكىل لۈ يەن--

ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، ئېكولوگىيەلىك ساياھەتنى ئالغا سىلجىتىش (ئەزالار مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ھېكايىسى)

2024.02.23 10:57 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرىمىز ساۋ ۋېنشۈەن

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، خەينەن باۋتىڭ لىزۇ - مياۋزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى لۈ يەن بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇ چىشىيەنلىڭغا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا كېتىۋاتقان ئىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەھۋال ئىگىلىگەشتە چىڭ تۇرغاندىلا ئاندىن مەسىلىنى توغرا ھەل قىلغىلى بولىدۇ.»

  2024- يىلى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا، لۈ يەننىڭ كۈنتەرتىپ جەدۋىلى لىق تىزىلدى. «كەسىپلەرنى ئېكولوگىيەلەشتۈرۈش ۋە ئېكولوگىيەنى كەسىپلەشتۈرۈشنى قانداق قىلىپ تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش» لۈ يەن ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە. ئاساسىي قاتلامدا زىيارەتتە بولغاندا، ئۇ ئېكولوگىيەلىك ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدا، بەزى جايلاردا ئورتاق مەسىلە بارلىقىنى بايقىدى. مەسىلەن، مەھەللىنىڭ ئېكولوگىيەلىك ساياھەتكە قاتنىشىش دەرىجىسى تۆۋەن بولۇش، باشقۇرۇش ئەندىزىسى نىسبەتەن يىرىك بولۇش، كەسپىي ئىختىساسلىقلار بىرقەدەر كەمچىل بولۇش قاتارلىقلار.

  «باۋتىڭ ناھىيەسىنىڭ كۆلىمى 227.75 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، تىروپىك بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنى دۆلەت باغچىسىغا تەۋە، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش جەھەتتە ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە.» دېدى لۈ يەن. ئالاقىدار تەكلىپلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇ مەۋقەنى باۋتىڭغا قويۇپ، دائىم يامغۇرلۇق ئورمان مەنزىرە رايونىغا، مەھەللىدىكى ئاممىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  كۈندۈزى پىكىر توپلاش، شۇ كۈنى كەچتە چىڭ تۇتۇپ خۇلاسىلەش، رەتلەش لۈ يەننىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىكى خىزمەت ھالىتى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، لۈ يەننىڭ تەپەككۇرى بارغانسېرى ئايدىڭلاشتى: «باۋتىڭنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى % 85 كە يېقىنلاشتى، ھەربىر كۇب سانتىمېتىر ھاۋادىكى ئوكسىگېن مەنپىي ئىئونى 8200 گە يەتتى، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، پەرقلىق بولۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ساغلاملىق - كۈتۈنۈش جەھەتتە ياخشى نەتىجە يارىتىش كېرەك.»، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باۋتىڭ ساغلاملىق- كۈتۈنۈش كەسپىنى چۆرىدەپ چوڭقۇر يوشۇرۇن كۈچلەرنى قېزىپ، تېخىمۇ كۆپ پۇقرالار ئېكولوگىيەلىك ساياھەت تامىقىغا ئېرىشتى.

  بۇلتۇر، لۈ يەن تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇمنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، خەينەن ئەركىن سودا پورتىنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش قاتارلىقلار توغرىسىدا تەكلىپ بەردى. ھازىر ئۇ يەنە ساياھەت تەرەققىياتىغا ئالاقىدار تەكلىپلەرنى چىڭ تۇتۇپ رەتلەۋاتىدۇ. «ئۆز خىزمىتى بىلەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرگەندىلا، ئاندىن تەكلىپنى ئاساسىي قاتلامغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرغىلى، تېخىمۇ مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.» دېدى لۈ يەن.

  مۇخبىر خاتىرىسى

  يۇرتداشلارنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمىز

  باۋتىڭنىڭ تاغ - دەريالىرىنى تىلغا ئالغاندا، لۈ يەننىڭ گېپى تۈگىمەيدۇ. زىيارەت جەريانىدا، ئۇ مۇخبىرغا يانتېلېفوندىكى بىر پارچە سۈرەتنى ھەمبەھىرلىدى، ئۇ يۇرتداشلار بىلەن باۋتىڭدىكى چىشيەنلىڭ تېغى ئېتىكىدە چۈشكەن خاتىرە سۈرەت بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ چېھرىدە كۈلكە جىلۋىلەندى. ئۇ يۇرتداشلارنىڭ ئىشەنچىسىنى يەردە قويماسلىقنى ئېيتتى.

  ئىلمىي، ئېھتىياتچان تەكلىپ، قىلچە بىخەستەلىك قىلمايدىغان خىزمەت پوزىتسىيەسىدىن ئايرىلالمايدۇ. لۈ يەن مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلامدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقاندىلا ، ئاندىن يولنىڭ توغرا - خاتالىقىنى بىلگىلى بولىدۇ، تەكلىپنىڭ ياخشى بېرىلگەن - بېرىلمىگەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا ئۇ ئىزچىل داۋام قىلماقتا

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ