مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، گەنسۇ ئۆلكىسى لىنشيا خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى جىشىشەن باۋئەن، دۇڭشياڭ، سالار ئاپتونوم ناھىيەسى جۈجى بازىرى شېنگۇ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ما شياۋلى قىشلىق تەتىلدە ئارام ئالماي، شەھەر - بازار ۋە يېزا - كەنت مەكتەپلىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، مەكتەپ مۇدىرى، دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن مىللىي رايونلارنىڭ مائارىپ تەرەققىياتى مەسىلىسى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى. «مەملىكەتلىك 'ئىككى يىغىن'ئېچىلىشتىن بۇرۇن، تەكلىپلەرنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ تولۇق تەييارلايمەن.» دېدى ما شياۋلى.
90- يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ما شياۋلىنىڭ قارىشىچە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى سىياسىي شان - شەرەپ بولۇپلا قالماي، ئېغىر مەسئۇلىيەتتىن دېرەك بېرەتتى. بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، ئۇ ئۆز خىزمىتىنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى توپلىدى.
مىللىي رايونلارنىڭ مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش - يۆلەش تۈرلىرىنىڭ قوللىشىدا، شۇ جايدىكى يېزا - كەنت مەكتەپلىرى يېڭىلاندى، ئوقۇتقۇچىلار ئوبوروت ياتىقى سەپلەندى، يېزا - كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىغا ياردەم پۇلى تارقىتىش قاتارلىق سىياسەتلەر بىرىنچى سەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى. «ياخشى سىياسەت لىنشيا ئوبلاستىنىڭ مائارىپ ئىختىساسلىقلىرى (ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى) ياردەم بېرىش - يۆلەش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئاساسىي مائارىپ سەۋىيەسىنىڭ سىجىل ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى.» دېدى ما شياۋلى.
«لىنشيا رايونىنىڭ مائارىپ ئاساسى ئاجىز بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا - ئانىلارنىڭ «ياخشى ئوقۇش» ئارزۇسىنى قاندۇرۇش، شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى جەھەتتە يەنە بەلگىلىك كەمتۈكلۈك مەۋجۇت.» تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا ما شياۋلى يېزا - كەنت مەكتەپلىرىدە مۇزىكا، تەنتەربىيە، گۈزەللىك ئوقۇتقۇچىلىرى كەمچىل بولۇش، قىسمەن مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئوقۇتۇشىنى قانات يايدۇرۇش ئىقتىدارى يېتەرسىز بولۇش، ھازىرقى تەربىيەلەش تۈرلىرى يېزا - كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرالماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ساقلانغانلىقىنى بايقىدى. بۇلتۇر مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، ما شياۋلى مىللىي رايونلار ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى تەكلىپنى تاپشۇردى، يەنە كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ، شەرقىي رايونلارنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنى كىرگۈزدى.
يېقىندا، جىشىشەن ناھىيەسىدە 6 . 2 بال يەر تەۋرىدى، ما شياۋلى سىرتنىڭ قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن پائال ئۇدۇللىشىپ ئاپەت رايونىغا توشۇدى. يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش باسقۇچىغا كىرىشىگە ئەگىشىپ، ما شياۋلى ئۆگەنگەنلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئاپەت رايونىدىكى «چېدىر باشلانغۇچ مەكتەپ»تە پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەشكە قاتنىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ناخشا ئېيتىش، رەسىم سىزىش، ئويۇن ئويناشقا يېتەكلەپ، ئوقۇغۇچىلارنى تۇرمۇشقا ئاكتىپ، ئۈمىدۋار پوزىتسىيە بىلەن يۈزلىنىشكە يېتەكلىدى. ئۇ يەنە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا بېرىپ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرىنى چۈشەندى. ما شياۋلى مۇنداق دېدى: «پەقەت كۆپ ماڭغان، كۆپ ئاڭلىغان، كۆپ كۆرگەن، كۆپ خاتىرىلىگەندىلا، ئاندىن جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ھەقىقىي، توغرا ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ئىشلارنى ياخشى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ، بۇ يىل مەن داۋاملىق مىللىي رايونلارنىڭ ئاساسىي مائارىپ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىمەن، يەنە ئاپەت رايونىدىكى ئاممىنىڭ يۈرەك ساداسىنى خەلق سارىيىغا يەتكۈزىمەن».
تەكلىپ بېرىش سەۋىيەسى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ما شياۋلى گەنسۇ ئۆلكىسى، لىنشيا ئوبلاستى ۋە جىشىشەن ناھىيەسىدىكى سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشتى ھەم ئۆلكىلىك، ئوبلاستلىق، ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىدىن سوئال سورىدى. يېقىندىن بۇيان، ئۇ يەنە زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن تەكلىپلەرنى شەكىللەندۈرۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ما شياۋلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «مەن ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ مائارىپ قىيىن نۇقتىسى، توسۇق نۇقتىسى ۋە ئاممىنىڭ جىددىي، قىيىن، غەم - ئەندىشىسىنى چىڭ كۆزلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىمەن.»
مەنبە: خەلق تورى