خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2024-يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، شۇنداقلا «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان-ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل. مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، خەلق تورى بۈگۈندىن باشلاپ «رەھبەرلەرگە سۆز قالدۇرۇش سۇپىسى»
ئارقىلىق 2024-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن نۇسخىسىدىكى «ئىككى يىغىنغا بىر جۈملە سۆز ئەۋەتىمەن» تەكلىپ-پىكىر توپلاش پائالىيىتى (تۆۋەندە «بىر جۈملە سۆز» پائالىيىتى دېيىلىدۇ)نى ئۆتكۈزىدۇ، پائالىيەت مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن يېپىلغىچە داۋاملىشىدۇ.
14 يىللىق «ئىككى يىغىن ئادىتى» خەلق رايىنىڭ يېڭى ئارزۇسىنى مۇجەسسەملىدى
يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغان مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن خەلق ئاممىسىنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش، 2011-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى ئىككى يىغىن ھارپىسىغىچە، ھەر ساھە ئامما ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى چۆرىدەپ، خەلق تورىنىڭ «ئىككى يىغىنغا بىر جۈملە سۆز ئەۋەتىمەن» سەھىپىسى ئارقىلىق بەس-بەستە تەكلىپ بەردى، مەركەزدىكى مىنىستىرلىق، كومىتېتلار ۋە يەرلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى خەلق تورى ئارقىلىق ئاممىغا خەت يېزىپ، تەرەققىيات توغرىسىدا كەڭ-كۇشادە پاراڭلاشتى، ئىككى يىغىن ۋاقتىدىكى «ئىككى يىغىن ئادىتى» يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان قىزىق تېمىغا ئايلاندى. پەقەت 2023-يىلىلا «بىر جۈملە سۆز» پائالىيىتىدە ئامما مۇۋەپپەقىيەتلىك قالدۇرغان 100 مىڭ پارچە سۆز تاپشۇرۇۋېلىندى؛ تۆت مىنىستىرلىق، كومىتېت رەھبىرى، 14 شۇجى، ئۆلكە باشلىقى خەلق تورى ئارقىلىق ئاممىغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئاممىنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىرىگە جاۋاب قايتۇردى، تېمىلارنىڭ پۈتۈن توردا كۆرۈلۈش قېتىم سانى 500 مىليون قېتىمدىن، پۈتۈن توردا ئىنكاس يېزىش، يۈرەك بېرىش قېتىم سانى 1 مىليون 500 مىڭدىن ئاشتى.
بۇ يىل، خەلق تورى «بىر جۈملە سۆز» پائالىيىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆلكە دەرىجىلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىش مەزگىلىدە باشلىدى، 20 نەچچە كۈندە «بىر جۈملە سۆز» پائالىيىتى 13 جايدىكى ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە توققۇز جايدىكى ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش بىلەن ھەمكارلىشىپ، 11 مىڭدىن ئارتۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاپشۇرۇلغان سۆز تاپشۇرۇۋېلىپ، يېڭى بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا «بىر جۈملە سۆز» پائالىيىتى مەزگىلىدە، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئامما «مىنىستىرلارغا بىر تەدبىر»، «شۇجى، ئۆلكە باشلىقىغا بىر جۈملە سۆز»دىن ئىبارەت ئىككى بۆلەك ئارقىلىق مۇناسىپ بۆلەكلەرنى تاللاپ ئەقىل كۆرسەتسە بولىدۇ؛ يەنە خەلق تورى بىلەن خەلق گېزىتى بىرلىكتە ئېلان قىلغان «خەلق پىكىر-تەكلىپلىرى» سەھىپىسى ئارقىلىق پائالىيەتكە قاتنىشىپ، قىممەتلىك تەكلىپلەرنى قالدۇرسا بولىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ