مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭ «ئىككى يىغىن»دا تۇنجى قېتىم چەت ئەللىك مېھمانلار سىرتتىن ئاڭلاشقا تەكلىپ قىلىندى ۋە چېگرا سىرتىدىكى تاراتقۇلار خەۋەر قىلدى

2024.01.29 14:15 مەنبە: خەلق تورى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 28- چېسلا ئاپتونوم رايونلۇق ئىككى يىغىن ئاخبارات مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. مۇخبىرنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنىدا تۇنجى قېتىم چەت ئەللىك مېھمانلار سىرتتىن ئاڭلاشقا تەكلىپ قىلىنغان ۋە چېگرا سىرتىدىكى تاراتقۇلار خەۋەر قىلغان.

  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى مەريەم ئىسمائىل، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى جاڭ شۈ ئايرىم - ئايرىم ھالدا دۆلىتىمىزنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش تۈزۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  بۇ قېتىمقى ئىككى يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى تۇنجى قېتىم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر، كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر، سۆھبەتلەشكۈچى ھەمراھ دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا ئەمەلدارلىرى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسى، ئوتتۇرا ئاسىيا رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىق شۆيۈەنى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىنى سىرتتىن ئاڭلاشقا تەكلىپ قىلدى.

  بۇ قېتىمقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا مەركەز تاراتقۇلىرى، شىنجاڭ تاراتقۇلىرى ھەمدە شياڭگاڭ، ئاۋمېن تاراتقۇلىرىدىن 10 ى ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىدىن تۆتى قاتناشتى.

  باياناتچى مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى 1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلىدۇ، يىغىن مۇددىتى تۆت كۈن؛ سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنى 1 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلىدۇ، يىغىن ۋاقتى ئۈچ يېرىم كۈن بولىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ