مۇھىم خەۋەرلەر

تۈپ يىلتىزىدىن تۈزىتىپ جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش لازىم

2024.01.24 02:32 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، پۇتبول ساھەسىدىكى بىر قاتار چىرىكلىك دېلولىرى مەخسۇس فىلىمىدە، جۇڭگو پۇتبول ساھەسىدىكى سىستېمىلىق، گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈش شەكلىدىكى چىرىكلىك ئەھۋالى تۇنجى قېتىم ئاشكارىلاندى. جۇڭگولۇقلارنىڭ زارىقىپ كۈتكەن ئارزۇلىرى يۈكلەنگەن جۇڭگو پۇتبولچىلىقىدا ساختا توپ، قىمار، قارا پەردە سەتچىلىكى كۆپ قېتىم يۈز بەردى. قاراڭغۇ پەردىنىڭ تېگى-تەكتىنى قايرىغاندا، ھاڭ-تاڭ قالغاندىن باشقا، كىشىلەر كۆپ يىللاردىن بۇيانقى «جۇڭگو پۇتبولچىلىقىغا زادى نېمە بولدى» دېگەن سوئالنىڭ جاۋابىنى ئاخىرى تاپتى.

  لى تيې ترىنېرلىق قىلغان ۋاقىتتىن باشلاپ ساختا توپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان، چېن شۈيۈەن ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشنىڭ ئالدىنقى كۈنى كەچتە 300 مىڭ يۈەن نەق پۇل قاچىلانغان «كونا قائىدە»دىن ئىككى بولاق تاپشۇرۇۋالغان... بۇ جىنايەت پاكىتلىرى كىشىنى چۆچۈتىدۇ. لى تيې بىلەن خۇاشيا بەخت كۇلۇبى دەرىجىدىن تاشقىرىلار بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن 14 مىليون يۈەن خەجلەپ، ئەمەلىي كۈچى ئۆزىدىن خېلىلا تۆۋەن تۇرىدىغان رىقابەتچىسىگە پارا بەرگەن، يەنە ئالتە مىليون يۈەن خەجلەپ قارشى تەرەپ توپچىلىرىغا پارا بېرىپ، «قوش كاپالەت» شەكىللەندۈرگەن، «پۇل خەجلەپ توپ سېتىۋېلىش»تەك بۇنداق ناچار ئادەت، ناچار كەيپىيات جۇڭگو پۇتبول ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن.

  بۇ قېتىمقى بىر قاتار چىرىكلىك دېلولىرىغا نەزەر تاشلىساق شۇنى بايقايمىزكى، «پۇل خەجلەپ پۇتبولچى قۇبۇل قىلىش» ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقانلىق. خۇاشيا بەخت كۇلۇبى «تۈرلۈك ئاماللار بىلەن نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش»نى شىركەت مەدەنىيىتى قىلىپ، «ئۈچ يىل ئىچىدە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىدە چېمپىيون بولۇش»تەك مۇشۇنداق كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە ئالدىرايدىغان نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ناتوغرا يولدا مېڭىپ، پۇل ئارقىلىق پۇتبول ئىشلىرىنى تىزگىنلىگەن. ئىلگىرىكى «دەرىجىدىن تاشقىرىلار بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىش مۆجىزىسى»نىڭ بىر مەيدان «تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال» بىمەنە ئويۇن ئىكەنلىكى ئەڭ ئاخىرىدا ئىسپاتلانغان.

  مۇۋەپپەقىيەتلىك توپ كوماندىسى بەرپا قىلىش مۇستەھكەم ئارقا مۇداپىئە سېپىدىن ئايرىلالمايدۇ. دۇ جاۋسەي، چېن شۈيۈەن پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى، جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ «ۋاراتاسى» بولۇپ تۇرۇقلۇق پۇل-مەنپەئەتنىڭ ئېزىقتۇرۇشى بىلەن «ساختا توپ، قىمار، قارا پەردە»نى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ساھەسىدە «ساختا توپ تېپىپ»، «پۇتبولغا تايىنىپ پۇتبولنى غاجايدىغان»، «تەنتەربىيەگە تايىنىپ تەنتەربىيەنىڭ ئۇلىنى غاجايدىغان» زىيانداش قۇرتقا ئايلانغان. جۇڭگو پۇتبولچىلىقى يېڭى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىغا موھتاج، پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ «ھەم رېپىر بولۇش، ھەم تەنھەرىكەتچى بولۇش»، ھوقۇق زىيادە مەركەزلىشىش بىلەن بىرگە نازارەت قىلىش، چەكلەشتىن ئايرىلىپ قېلىش مەسىلىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، «چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىق»نى پۇتبول ساھەسىدىكى يېڭى مەدەنىيەتكە ئايلاندۇرۇش لازىم.

  جۇڭگو پۇتبولچىلىقىدا چىرىكلىككە زور كۈچ بىلەن قارشى تۇرۇش زۆرۈر بولۇپ قالدى. بىز يىلتىزىدىن داۋالاش جاسارىتى ۋە ئىرادىسى بىلەن جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ