مۇھىم خەۋەرلەر

سىياسىي-قانۇن خىزمىتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تىرەك بولۇش ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىش كېرەك

___ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى سىياسىي-قانۇن سېپىدىكىلەرنىڭ داۋاملىق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى

2024.01.15 15:18 مەنبە: خەلق تورى

  «سىياسىي-قانۇن سېپىدىكىلەر پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ۋە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، سىياسىي-قانۇن خىزمىتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تىرەك بولۇپ ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك خەۋپسىزلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك».

  مەركەز سىياسىي-قانۇن خىزمىتى يىغىنى 1-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي-قانۇن خىزمىتى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سىياسىي-قانۇن سېپىدە قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيلىقى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى سىياسىي-قانۇن خىزمىتىنىڭ تارىخىي بۇرچى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىسىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، سىياسىي -قانۇن سېپىدىكىلەرنىڭ داۋاملىق ئىلگىرىلىشىنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ-ئامان جۇڭگو، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇشنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي-قانۇن ئىشلىرىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتىمىز.سىياسىي-قانۇن خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىمى. پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، سىياسىي-قانۇن سېپىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرى چىڭ تۇتۇلۇپ، ئەمەلىي تۇتۇلۇپ، يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

  «باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليۇرۇقى بىزنى تولۇپ تاشقان ئىشەنچكە ئىگە قىلدى». سەنشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان مۇئاۋىن شۇجىسى مياۋ ۋېي نەق مەيدان يىغىنىدا يەتكۈزۈلگەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى ئاڭلاپ ناھايىتى ھاياجانلاندى، «بىز پارتىيەنىڭ مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ سىياسىينى زىچ چۆرىدەپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى كۈچەپ قوغداپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىشقا تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، تېخىمۇ زور ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك».

  بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان-ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قەتئىي قوغداپ، سىياسىي سەزگۈرلۈك ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، زور خەۋپسىزلىك خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى تۈگىتىشى كېرەك.

  دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىدىكى كادىر، ساقچىلار بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ سىياسىي خۇسۇسىيىتىنى پۇختا ئىگىلەپ، كەسكىن، مۇرەككەپ كۈرەش ۋەزىيىتى ئالدىدا، دۇنيا، دۆلەت ئەھۋالىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، ھەرۋاقىت تەييار ھالەتتە تۇرۇپ، كىرىچنى تارتىپ ئۇرۇش تەييارلىقىدا تۇرىدىغان ھالەتنى ساقلاپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ پولات ئىستىھكامىنى مۇستەھكەملەيمىز.

  جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، بىخەتەر، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىش ئۈچۈن، زىددىيەت-ماجىرالارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاممىنى تولۇق سەپەرۋەر قىلىپ، ئاممىنى تەشكىللەپ، ئاممىغا تايىنىپ ئاممىنىڭ ئىشىنى ھەل قىلىش كېرەك.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جياڭشى نەنچاڭدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى «تاغام مۇرەسسە ئىشخانىسى»، «كەنت ئاھالىلىرى كېڭىشى» قاتارلىق مۇرەسسە داڭلىق ماركىلىرىنى يارىتىپ، 2023-يىلى 77 مىڭدىن ئارتۇق تۈرلۈك زىددىيەت-ماجىرانى ھەل قىلدى. نەنچاڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چېن پېڭخۇي مۇنداق بىلدۈردى: «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى <فېڭچياۋ تەجرىبىسى>دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. بىز باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، زىددىيەت-ماجىرالارنى ھەل قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ياخشى قوغداپ، مۇۋاپىق دەۋا تەلىپىنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچنى ياخشى مۇجەسسەملەپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدايمىز».

  ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق سىياسىي-قانۇن خىزمىتىنىڭ جان تومۇرى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەت قانۇنچىللىقىنىڭ بىرلىكىنى قوغداش قاتارلىقلارغا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىرىنچى تەپتىش نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى لو چىڭدۇڭ: «بىز كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق جازالاش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن جىنايى ئىشلار سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەربىر دېلونى يۇقىرى سۈپەتلىك، ئۈنۈملۈك بېجىرىشنى ئاساسىي قىممەت ئىنتىلىشى قىلىپ، جىنايى ئىشلار دەۋا نازارەتچىلىكى ۋە تەپتىش ھوقۇقىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىگە چەك قويۇش ۋە ئۇنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، تەپتىش خىزمىتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا سىڭىشىمىز ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىمىز» دېدى.

  2023-يىلى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 51 قانۇن چىقىرىش تۈرىنى تەكشۈرۈپ تاماملاپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %96.2 ئاشتى، مەمۇرىي قانۇن چىقىرىش خىزمىتىدە يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئەدلىيە مىنىستىرلىقى قانۇنچىللىق بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گۇ تىڭخەي مۇنداق دېدى: «بىز قانۇن چىقىرىشنى تەكشۈرۈش ئۆتكىلىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، قانۇن چىقىرىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، قانۇن-نىزام، قائىدىلەرنى ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش، مەمۇرىي قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنىڭ قانۇنلۇقلىقىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قانۇن چىقىرىش، تۈزىتىش، بىكار قىلىش، ئىزاھلاشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلەت قانۇنچىللىقىنىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغدايمىز».

  قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئىسلاھاتى قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ تۇتقىسى. خېنەن ئۆلكىسى جېڭجوۋ گۇەنچېڭ خۇيزۇ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى گو شياۋكۈن مۇنداق بىلدۈردى: «بىز چوقۇم باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلۈك ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىلمىي، توغرا بولغان سوت قىلىشنى باشقۇرۇش مېخانىزمى ۋە قانۇن يۈرگۈزۈش ھوقۇقىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىنى نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنىڭ بىرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، <سوت قىلغۇچى ھۆكۈم قىلىش، ھۆكۈم قىلغۇچى مەسئۇل بولۇش>نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرىمىز».

  قانۇنچىللىق ئەڭ ياخشى تىجارەت-سودا مۇھىتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىك ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تەرتىپىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، قانۇنچىللاشقان تىجارەت-سودا مۇھىتى قۇرۇلۇشىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  بۇنىڭغا قارىتا، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئاپتونوم رايوننى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىشخانىسى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ شياڭدۇڭ ناھايىتى چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ئىچكى موڭغۇل يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قانۇنچىللاشقان تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش پىكرى ۋە مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىشكە دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، كېيىنكى قەدەمدە داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ، قانۇنچىللاشقان تىجارەت-سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىجارەت سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىمىز.

  ئەڭ قاتتىق تۆمۈرنى بازغانلاش ئۈچۈن، جەزمەن تۆمۈردىن سوقۇلغان ئادەم بولۇش كېرەك. سىياسىي-قانۇن خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا چوقۇم قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قوشۇن بولۇشى كېرەك.

  جۇڭگو خەلق جامائەت خەۋپسىزلىكى داشۆسىنىڭ مۇئاۋىن پىروفېسسورى گۇەن يەنجيې مۇنداق دېدى: «باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقى سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولغان يېڭى دەۋر سىياسىي-قانۇن پولات قوشۇنىنى تاۋلاپ چىقىشقا قۇدرەتلىك كۈچ قوشتى. بىز سىياسىي يېتەكچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، <تۆتتە پولاتتەك> قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قوشۇن بەرپا قىلىپ، سىياسىي-قانۇن ئىشلىرىنىڭ ئىشەنچلىك ئىز باسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز ».

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ