مۇھىم خەۋەرلەر

تۆمۈريول 12306 سۇپىسىدا يېڭى ئىقتىدار يولغا قويۇلدى

2024.01.04 13:15 مەنبە: خەلق تورى

  بېلەت سېتىۋېلىش ئېھتىياجىنى ئالدىن تولدۇرۇپ، بېلەت سېتىشنى باشلاش ئەسكەرتمىسىگە ئىگە بولالايسىز.

  مۇخبىرنىڭ تۆمۈريول 12306 پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، 1-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ، تۆمۈريول 12306 يان تېلېفون تېرمىنالىدا بېلەت سېتىۋېلىش ئېھتىياجىنى ئالدىن تولدۇرۇش ۋە پويىز بېلىتىنى سېتىشنى باشلاش ئەسكەرتمىسىگە ئىگە بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى يېڭى ئىقتىدار يولغا قويۇلغان، يولۇچىلارنىڭ تۆمۈريول 12306 سۇپىسى ئارقىلىق بېلەت سېتىۋېلىشى تېخىمۇ قولايلىق، تېز بولىدۇ.

  تۆمۈر يول 12306 پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھازىر پويىز بېلىتىنى ئالدىن سېتىش مۇددىتى 15 كۈن ئىكەن. بېلەت سېتىۋېلىش ئېھتىياجىنى ئالدىن تولدۇرۇش ئىقتىدارى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، يولۇچىلار بېلەت سېتىلىشقا باشلىغان كۈنى، پويىزغا ئولتۇرغۇچى، پويىز قېتىمى، ئورۇن ئايرىمىسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئالدىن تولدۇرۇپ، بېلەت سېتىلىشقا باشلىغاندا بىر كۇنۇپكا بىلەن زاكاز تاپشۇرۇپ، پۇل تۆلەشنى تاماملىيالايدۇ، يولۇچىلارنىڭ بېلەت سېتىۋېلىشىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۆمۈر يول 12306 سۇپىسىدا يەنە سېتىشنى باشلاش ئەسكەرتمىسىگە ئىگە بولۇش ئىقتىدارى يولغا قويۇلغان، يولۇچىلار بېلەت سېتىش ۋاقتىغا ئاساسەن، سىستېما ئارقىلىق ئالدىن ئەسكەرتىش تەسىس قىلىپ، بېلەت سېتىۋېلىش ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇشقا قولايلىق يارىتىدۇ. ھەرقايسى پويىزلارنىڭ بېلەت سېتىش ۋاقتىنى تۆمۈر يول 12306 سۇپىسى ئارقىلىق سۈرۈشتۈرگىلى بولىدۇ.

  مەسئۇل خادىم مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تۆمۈريول 12306 سۇپىسى ئىككى تۈرلۈك يېڭى ئىقتىدارنى يولغا قويغاندىن كېيىن، بېلەت سېتىۋېلىشنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ئادىل، ھەققانىي بېلەت سېتىۋېلىش مۇھىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدايدۇ. كەڭ يولۇچىلارنىڭ ئىشلىتىشىنى قارشى ئالىدۇ. تۆمۈريول تارماقلىرى يولۇچىلارنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، تۆمۈريول 12306 سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېلەت سېتىۋېلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ