مۇھىم خەۋەرلەر

خۇش خەۋەر! بۇ پۇللارنى ئەمدى تۆلىمەيسىز!

2024.01.04 11:11 مەنبە: خەلق تورى

  «مالىيە مىنىستىرلىقى باج باش ئىدارىسى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» ( مالىيە مىنىستىرلىقى باج باش ئىدارىسى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ 2023-يىلى 10-نومۇرلۇق ئۇقتۇرۇشى ) دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، 2024-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2025-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللاردىن ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، ھەربىر يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلدىن كەچۈرۈم قىلىنىدىغان باج سوممىسى 30 مىڭ يۈەندىن ئاشمايدۇ.2026-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2027-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدىكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللاردىن ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجىنىڭ يېرىمى كېمەيتىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ھەربىر يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلىدىن ئېلىنىدىغان باج 15 مىڭ يۈەندىن ئاشمايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ