ئالماس تەبىئىي مىنېراللار ئىچىدە قاتتىقلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى ماددا ئۇنى سىلىقلاش دورىسى ياكى بۇرغا بېشى سۇۋالما قەۋىتى قىلىشقا بولىدۇ. ئەنگلىيە ئېدىنبۇرگ داشۆسى يېقىندا ئاخبارات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ مەكتەپنىڭ تەتقىقاتچىلىرى قاتناشقان تەتقىقات گۇرۇپپىسى قاتتىقلىق دەرىجىسى ئالماس بىلەن تەڭلىشەلەيدىغان كاربون نىترىد بىرىكمىسىنى تەتقىق قىلىپ چىققان. كەڭ سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان كۆپ ئىقتىدارلىق ماتېرىيالغا ئايلىنىش يوشۇرۇن كۈچى بار.
20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەر مەلۇم شەكىلدىكى كاربونئازوت بىرىكمىلىرىنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسى ھەتتا ئالماسنىڭكىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلدى. لېكىن تەجرىبىخانىدا ئەۋرىشكە تەييارلاش ئۈنۈمى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى. ئېدىنبۇرگ داشۆسى ۋە گېرمانىيە بايرويىت داشۆسى قاتارلىق ئاپپاراتلارنىڭ تەتقىقاتچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن تەتقىقات ئەترىتى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ئۇلار قاتتىقلىق دەرىجىسى ئالماس بىلەن تەڭلىشەلەيدىغان كاربون نىترىد ماتېرىيالىنى سىنتېزلاپ چىققان ھەمدە ئۇنىڭ فىزىكىلىق خۇسۇسىيىتىنى ئۆلچەپ، ئالاقىدار ئىلمىي ماقالىنى يېقىندا خەلقئارالىق ئىلمىي ژۇرنال «ئىلغار ماتېرىيال»دا ئېلان قىلدى.
تەتقىقاتچىلار ئوخشاش بولمىغان كاربونئازوت ئالدىنقى تېنىگە 70 گىپاسكالدىن 135 گىپاسكالغىچە بولغان بېسىم كۈچىنى ئىشلەتكەن (1 گىپاسكال ئاتموسفېرا بېسىمىنىڭ تەخمىنەن 10 مىڭ ھەسسىسىگە باراۋەر) شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ئالدىنقى گەۋدە ماتېرىياللىرى 1500 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى قىزىتىلىپ، يۇقىرىقى بىرىكتۈرۈش شەرتى ئارقىلىق، تەتقىقاتچىلار ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى قاتتىقلىق دەرىجىسىدىكى زۆرۈر تەركىبلەرگە ئىگە ئۈچ خىل كاربون نىترىد بىرىكمىسىنى بايقاپ ھەمدە ئۇلارنى نورمال تېمپېراتۇرا ۋە نورمال بېسىم شارائىتىغا قايتىپ كەلگەندىمۇ ئالماسقا ئوخشاش خۇسۇسىيىتىنى ساقلاپ قالالايدىغانلىقىنى بايقاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھېسابلاش ۋە تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بۇ تۈردىكى بىرىكمىلەر يەنە قوشۇمچە خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ نۇر چىقىرىش ۋە ئېنېرگىيە زىچلىقى يۇقىرى بولۇشتەك ئىقتىدارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ خىل كاربون نىترىد بىرىكمىسى غايەت زور ئىشلىتىلىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە بولۇپ، ئالماستىن قېلىشمايدىغان سانائەت ماتېرىيالىغا ئايلىنىشى مۇمكىن ئىكەن، كەلگۈسىدە ئاپتوموبىل ۋە ئالەم كېمىسىدىكى قوغداش قەۋىتى، يۇقىرى چىداملىق كېسىش قورالى، قۇياش ئېنىرگىيەسى باتارىيە تاختىسى ۋە فوتو ئېلېكترلىك تەكشۈرۈش ئەسۋابى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدىكەن.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ