مۇھىم خەۋەرلەر

مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى يىغىنىدىكى مۇھىم نۇقتىلار!

2024.01.02 22:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى يىغىنى 12-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. نۇقتىلىق مەزمۇنلار تۆۋەندىكىچە:

  «ئون تۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەت»

  يېڭى دەۋر جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش ئۇلۇغ مۇساپىسىدىكى تاشقى ئىشلار خىزمىتىدە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى:

  بىرىنچى، شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسى بەرپا قىلىنىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇلۇپ، جۇڭگو دىپلوماتىيە نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىنىڭ يېڭى مەنزىلى ئېچىلىپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلەندى.

  ئىككىنچى، دۆلىتىمىز دىپلوماتىيەسىنىڭ روشەن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكى، جۇڭگوچە ئۇسلۇبى، جۇڭگوچە سالاپىتى نامايان قىلىنىپ، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، مۇستەقىل، كۆڭلى-كۆكسى كەڭ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان چوڭ دۆلەت ئوبرازى تىكلەندى.

  ئۈچىنچى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش تەشەببۇس قىلىنىپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىش، ئەبەدىي ئەمىنلىك، مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش توغرا يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بېرىلدى.

  تۆتىنچى، باشلىقلار دىپلوماتىيەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا ئىشلاردا مۇھىم ۋە ئىجادىي رولى كۈنسېرى جارى قىلدۇرۇلدى.

  بەشىنچى، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلاپ، تىنچ بىللە تۇرىدىغان، ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم، تەكشى تەرەققىي قىلىدىغان چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇندى.

  ئالتىنچى، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما كېڭەيتىلىپ، كەڭ دائىرىلىك، يۇقىرى سۈپەتلىك دۇنياۋى ھەمراھلىق مۇناسىۋەت تورى شەكىللەندۈرۈلدى.

  يەتتىنچى، «بىر بەلباغ، بىر يول» نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا بويىچە دائىرىسى ئەڭ كەڭ، كۆلىمى ئەڭ چوڭ خەلقئارا ھەمكارلىق سۇپىسى بەرپا قىلىندى.

  سەككىزىنچى، تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، قەتئىي ئىرادە ۋە قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتى ئۈنۈملۈك قوغدالدى.

  توققۇزىنچى، دۇنيانى ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، خەلقئارا سىستېما ۋە تەرتىپنىڭ ئۆزگىرىش يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىندى.

  ئونىنچى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى كۈچەيتىلىپ، تاشقى ئىشلار خىزمىتىنىڭ چوڭ ھەمكارلىق ئەندىزىسى مۇستەھكەملەندى.

  يېڭى دەۋردىكى ئون يىلدا، بىز تاشقى ئىشلار خىزمىتىدە نۇرغۇن بوران-چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىق، خىرىسلارنى يېڭىپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، دۆلىتىمىز دىپلوماتىيەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈشچانلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتتۇق. دۆلىتىمىز تېخىمۇ زور خەلقئارا تەسىر كۈچىگە، يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكلەش كۈچىگە، مەنىۋى چاقىرىق كۈچىگە ئىگە مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ