مۇھىم خەۋەرلەر

پارچە كۆمۈرنى ئىشلەتكىلى قويماسلىق، تازىلانغان پاكىز كۆمۈرنى سېتىۋېلىشنى خالىماسلىق مەسىلىسى قانداق پەيدا بولدى؟

2023.12.19 22:37 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 5-كۈنى، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىجياجۇاڭ شەھىرى نەنشىڭگو بازارلىق ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ «70 ياشتىن ئاشقان ئىككى ياشانغان كىشىنىڭ ئۆيىدە دۆۋىلەپ قويۇلغان كۆمۈر»نى يىغىۋالغانلىقى، بۇ كۆمۈرلەر ناچار كۆمۈر بولغاچقا مۇھىتنى بۇلغايدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى. 12-ئاينىڭ 6-كۈنى، شۇ جاي ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ نەق مەيداندا ياشانغان كىشىلەرنىڭ پارچە كۆمۈرلىرىنى يىغىۋالمىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئالاقىدار خادىملار تاراتقۇلارغا شۇ كۈنى ئاران يەتتە جىڭ ئەتراپىدا پارچە كۆمۈر يىغىۋالغانلىقىنى، كېيىن كەنت كادىرلىرى يەنە ياشانغانلارغا 100 جىڭغا يېقىن پاكىز كۆمۈر تارقىتىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

  تارقاق سېتىلىدىغان كۆمۈر ئادەتتە پاكىز پىششىقلاپ ئىشلەنمىگەن، بىۋاسىتە سېتىۋېلىپ ئىشلىتىلىدىغان كۆمۈرنى كۆرسىتىدۇ، ئاساسلىقى ئائىلىدە ئىسسىنىش، تاماق ئېتىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ، كۆيۈش ئۈنۈمى تۆۋەن بولغاچقا ھاسىل بولىدىغان گۈڭگۈرت ئوكسىدى، كاربون چالا ئوكسىدى، ئىس-تۈتەك قاتارلىق ئاتموسفېرا بۇلغىمىلىرى بىرقەدەر كۆپ بولىدۇ. پاكىز كۆمۈر بولسا پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغان، گۈڭگۈرت، كۈل تەركىبى تۆۋەن، پارلىنىش مىقدارى تۆۋەن بولغان كۆمۈر مەھسۇلاتلىرىنى كۆرسىتىدۇ، كۆيۈشى تېخىمۇ تولۇق، بۇلغىشى تېخىمۇ ئاز بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پاكىز كۆمۈرنى ئومۇملاشتۇرۇشتىن تارتىپ «كۆمۈرنى توكقا ئۆزگەرتىش»، «كۆمۈرنى گازغا ئۆزگەرتىش»نى ئىلگىرى سۈرۈشكىچە ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى جايلار كۈز ۋە قىشتا پاكىز ئىسسىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاتموسفېرا بۇلغىمىلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە قويۇپ بېرىلىشىنى ئۈنۈملۈك ئازايتتى. بۇ ھەم بىر تۈرلۈك ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى. ھازىر كۈز ۋە قىش پەسلى، شىمالدىكى جايلار ئىسسىنىش مەزگىلىگە كىردى، ئالاقىدار تارماقلار پاكىز ئىسسىنىش خىزمىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈردى. بۇ قېتىمقى ۋەقەگە كەلسەك، نېمە ئۈچۈن ئاممىنىڭ نارازىلىقى ۋە گۇمانىنى قوزغايدۇ؟

  پارچە كۆمۈر سېتىۋالغان كەنت ئاھالىسى 70 ياشقا كىرىپ قالغاچقا، كۆپ يىللاردىن بۇيان ئادەتلەنگەن تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش تەس، كۆمۈرنى كۆيدۈرۈشتىن كېلىپ چىققان بۇلغىنىشنى چۈشىنىشى ناتايىن، بىلگەن تەقدىردىمۇ ئانچە كۆڭۈل بۆلمەسلىكى مۇمكىن، ياشانغانلار كۆپرەك ئويلىشىدىغىنى كۆمۈرنىڭ ئۆينى ئىسسىتالىغان-ئىسسىتالمىغانلىقى، پۇراق بار-يوقلۇقى قاتارلىقلار. ياشانغانلارغا خىزمەت ئىشلىيەلمىگەندە، ئالاقىدار خىزمەتچى خادىملار ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ، تۈرلۈك چارە-تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرەلىدىمۇ؟ ئەكسىچە، كىشىلەرنىڭ ۋىدىيودا كۆرگىنى بازارلىق ھۆكۈمەتتىن كەلگەن نۇرغۇن خىزمەتچى خادىملار گۈرجەك، تاغارلارنى ئېلىپ ئىشىكتىن كىرىپ، قول شىلتىپ، سۈرەتكە تارتقان، بۇنداق قىلغاندا ھەرقانداق ئادەمدە قارشىلىشىش كەيپىياتى پەيدا بولۇشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.

  يەنە بىر مەسىلىنى ئويلاپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ: نېمە ئۈچۈن ئالاھىدە بەلگىلەنگەن پاكىز كۆمۈر سېتىۋېلىش نۇقتىسىدا كۆمۈرنىڭ باھاسى تېخىمۇ ئەرزان تۇرسا، كۆپچىلىك سېتىۋېلىشنى خالىماي ئەكسىچە باھاسى سەل يۇقىرى بولغان پارچە كۆمۈر سېتىۋالىدۇ؟ بۇ كۆمۈر سېتىش نۇقتىسىدىكى پاكىز كۆمۈرنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولامدۇ ؟

  تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، پاكىز ئىسىنىشنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى ناچار كۆمۈر كۆيدۈرۈشنى چەكلەشتە ئەمەس بەلكى پۇقرالارنى ھەم ئەرزان، ھەم ئەلا سۈپەتلىك پاكىز ئىسسىنىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشتە. ئەگەر پاكىز ئىسسىنىش ئۇسۇلى پۇل تېجەيدىغان، ئىش تېجەيدىغان، ئىللىق بولسىلا كىشىلەر تەبىئىي ھالدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاللايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ قېتىمقى ۋەقە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، ئەل رايى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ پىكىرلىشىش پوزىتسىيەسى، خىزمەت ئۇسۇلى، خىزمەت ئىستىلى قاتارلىقلارنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. قاتتىق قول، ناچار پوزىتسىيە ئالدىدا ياخشى ئىشمۇ بۇزۇلۇپ، ئەكسىچە خەلقنىڭ كۆڭلىنى سوۋۇتۇپ قويىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ