مۇھىم خەۋەرلەر

خەلق تورى ئوبزورى: قان شېكىرىنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلار «خىسلەتلىك ئورۇقلىتىش دورىسى»غا ئايلىنىپ قالدى، قالايمىقان رېتسېپنى كىم يېزىۋاتىدۇ؟

2023.12.19 22:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئۈچ ئايدا 20 جىڭ ئورۇقلىيالايسىز، <ئورۇقلىتىش ئوكۇلى> نېمىدىگەن سىرلىق؟» خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئورۇقلاشتىكى ئېھتىياجى ئاشقان ئەھۋالدا قاندىكى قەنت مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدىغان رېتسېپلىق دورا سېماگلۇتىد كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن، دوختۇرخانىدا مال ئۈزۈلۈپ قالغان، ئىشلىتىشكە چەك قويۇلىدىغان بولسىمۇ، نۇرغۇن ئالاقە تورى سۇپىلىرىدا سېتىلىش مىقدارى ناھايىتى تېز بولغان __ تاۋارنىڭ چۈشەندۈرۈش بەتلىرى «كەسپىي دوختۇرلار توردا مۇلازىمەت قىلىدۇ»، «مال مەخپىي يوللىنىدۇ»، «كۆپ سېتىۋالسا ئېتىبار بېرىلىدۇ» دېگەندەك ئىستېمالغا قىزىقتۇرىدىغان مەزمۇنلار بىلەن تولغان.

  سېتىلىش مىقدارى بەك ياخشى دېيىش ھەرگىز مۇبالىغە قىلغانلىق ئەمەس. تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، مەلۇم ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدا بىر دورا دۇكىنى ساتقان ئىككى خىل مۇناسىۋەتلىك تۈرنىڭ ئايلىق سېتىلىش مىقدارى 12 مىڭ قاپتىن ئاشقان. مۇخبىر سىناپ بېقىپ، ئۇچۇرنى تاپشۇرغاندىن كېيىن سىستېما تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، بەش سېكۇنتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بىر پارچە ئېلېكتىرونلۇق رېتسېپ يېزىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن، دورا پۇلىنى تۆلىگەندىن كېيىن، سېماگلۇتىد ئوكۇل سۇيۇقلۇقى ئوڭۇشلۇق سېتىۋېلىنغان.

  سېماگلۇتىد ئوكۇل سۇيۇقلۇقى ئەسلىدە قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىدىغان رېتسېپلىق دورا بولۇپ، «خىسلەتلىك ئورۇقلاش دورىسى»غا ئايلىنىپ قېلىشى كىشىنى چۆچۈتىدۇ، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدىكى سېتىلىش مىقدارى كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ. سېماگلۇتىد ئوكۇل سۇيۇقلۇقى رېتسېپلىق دورا بولۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرى قالايمىقان رېتسېپ يازسا بولمايدۇ. قالايمىقان رېتسېپ يېزىشنىڭ ئاقىۋىتى ئېغىر بولىدۇ، بۇ قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىدىغان دورىنى ئورۇقلىتىدىغان دورا ئورنىدا خالىغانچە ئىستېمال قىلىش بولۇپ، بىمارنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىسىز؛ يەنە ھەقىقىي ئېھتىياجلىق بولغان بىمارلارنىڭ بۇ دورىنى سېتىۋالالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مەبلىغىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىشلىتىشنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

  دورا باشقۇرۇش قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن دورا تىجارەت كارخانىلىرى دورا سېتىۋېلىش-سېتىشتا بەلگىلىمە بويىچە خاتىرە قالدۇرمىغان، پارچە سېتىلغان دورىلارنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلى، ئىشلىتىش مىقدارى قاتارلىق ئىشلارنى توغرا چۈشەندۈرمىگەن ياكى رېتسېپنى بەلگىلىمە بويىچە تەڭشىمىگەنلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ دورا تىجارەت ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنىدۇ. ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدا قالايمىقان دورا سېتىش ئەلۋەتتە قانۇنغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. لېكىن، ئەگەر سۇپىلار بىر كۆزىنى يۇمۇۋالسا، ھەتتا يېشىل يولنى كەڭ ئېچىۋەتسە، مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلۈشى كېرەكمۇ قانداق؟

  رېتسېپلىق دورىلارنى خالىغانچە سېتىۋېلىش بىر قاتار مەسىلىلەرنى ئاشكارىلاپ قويدى. قەيەردە مەسىلە بولسا شۇ يەردە مەسىلىنى ھەل قىلىش، قەيەردە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش يوچۇقى بولسا شۇ يەردە يوچۇقنى ئېتىش كېرەك. سۇپىدا رېتسىپلىق دورىلارنى قالايمىقان سېتىشتا بۇ مەنپەئەت زەنجىرى كۆپ ھالقىغا چېتىلىدۇ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ كۆزىتىپ، بىر-بىرلەپ ئەسلىگە كەلتۈرگەندىلا ئاندىن قالايمىقانچىلىقنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىگىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ