مۇھىم خەۋەرلەر

خەلق تورى ئوبزورى: لاۋ رۇڭجىنىڭ قانۇن بويىچە جازالىنىشى ئەدلىيە ئادىللىقىنى نامايان قىلدى

2023.12.19 22:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەشەددىي قاتىلغا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى! 12-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، نەنچاڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى چۈشۈرگەن ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش بۇيرۇقىغا بىنائەن لاۋ رۇڭجىغا ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلدى. 1996-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە لاۋ رۇڭجى بىلەن ئۇنىڭ ئاشنىسى فا زىيىڭ (ئايرىم دېلودا ئۆلۈم جازاسى تەكشۈرۈپ تەستىقلاندى ۋە ئىجرا قىلىندى) جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ نەنچاڭ شەھىرى، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋېنجوۋ شەھىرى، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ چاڭجوۋ شەھىرى، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ خېفېي شەھىرىدە بىرلىكتە بۇلاڭچىلىق، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، تۇتقۇن قىلىش دېلوسىدىن تۆتنى سادىر قىلىپ، يەتتە ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

  ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىشتىن ئىلگىرى، لاۋ رۇڭجى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ تۇغقانلىرىدىن ئەپۇ سورىدى. ئۇنىڭ ئەپۇ سورىشىنىڭ سەمىمىي بولۇشى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆزى ئۆتكۈزگەن چېكىدىن ئاشقان جىنايىتى ئۈچۈن ھەقىقىي پۇشايمان قىلىشى تەلەپ قىلىندى.

  لاۋ رۇڭجى قانۇن بويىچە جازالانغاندىن كېيىن، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردىن لۇ جۇڭمىڭنىڭ خوتۇنى جۇ داخۇڭ ئېغىر يۈكتىن قۇتۇلغاندەك بولدى، ھەمدە «ئاخىرى ئۆلگۈچىگە جاۋاب بېرىلدى، كۆڭلىمىز ئارام تاپتى، بەك ئۇزاق ساقلىدۇق، ئۆلۈم جازاسى ئاخىر تەستىقلاندى» دېدى. بۇ كۈننى جۇ داخۇڭ ئائىلىسىدىكىلەر 20 نەچچە يىل ساقلىدى.

  لاۋ رۇڭجى سوراق قىلىنغاندا «مەن بۇ ئۆمرۈمدە بىر توخۇمۇ ئۆلتۈرۈپ باقمىغان، بىر ئۆردەكمۇ ئۆلتۈرۈپ باقمىغان» دېدى. بۇنداق خۇپسەنلىك ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى قايتا تەكشۈرۈپ بېكىتكەن پاكىتقا ئاساسەن، ئادەمنى شۈركەندۈرىدىغان بىر تەپسىلاتنى كۆرگىلى بولىدۇ، لاۋ رۇڭجى بىلەن فا زىيىڭ بىرلىكتە شيۇڭ فامىلىلىكنىڭ يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن مال-مۈلكىنى بۇلاپ، شيۇڭ فامىلىلىكنى ئۆلتۈرگەن ھەمدە جەسەتنى پارچىلىۋەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن لاۋ رۇڭجى بۇلاپ كەلگەن ئاچقۇچ بىلەن شيۇڭ فامىلىلىكنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ، ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، فا زىيىڭ بىلەن بىرلىكتە شيۇڭ فامىلىلىكنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بۇلاڭچىلىق قىلىپ، شيۇڭ فامىلىلىكنىڭ خوتۇنى جاڭ فامىلىلىك بىلەن ئىككى ياشلىق گۆدەك قىزىنى ئۆلتۈرگەن. مۇشۇنداق ۋەھشىي، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان، تورداشلار تەرىپىدىن «ئايال ئالۋاستى» دەپ ئاتالغان لاۋ رۇڭجىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلسە ئۇۋال بولمايدۇ.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى مۇنداق قارىدى: ئورتاق جىنايەت ئۆتكۈزۈش جەريانىدا لاۋ رۇڭجى بىلەن فا زىيىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئەتراپلىق پىلانلاپ، ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا ماسلاشقان. لاۋ رۇڭجى باشتىن-ئاخىر ئاكتىپ، تەشەببۇسكار بولۇپ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان، ئۇمۇ ئاساسىي جىنايەتچى، ئۇنىڭغا قاتناشقان بارلىق جىنايەت بويىچە جازا بېرىش كېرەك. «جىنايى قىلمىشى پەۋقۇلئاددە قەبىھ، ۋاسىتىسى پەۋقۇلئاددە قەبىھ، سۇبيېكتىپ قەبىھلىكى ئىنتايىن چوڭقۇر، جىسمانىي خەۋپى ۋە ئىجتىمائىي خەۋپى ئىنتايىن زور، ئاقىۋىتى ۋە جىنايىتى ئىنتايىن ئېغىر»، لاۋ رۇڭجىنىڭ جىنايىتى چەكتىن ئاشقان، ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىشى ھەقلىق.

  «قانۇن تورى كەڭ، ھىچكىم قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ»، ساقچى تەرەپنىڭ چوڭ سانلىق مەلۇماتتىن پايدىلىنىپ 20 يىل قېچىپ يۈرگەن لاۋ رۇڭجىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قولغا چۈشۈرگەنلىكى بۇ نۇقتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. قانۇن بىلەن ئويناشقانلار ئاخىرىدا قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، لاۋ رۇڭجىغا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغانلىقى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلىدى. لاۋ رۇڭجىنىڭ جىنايىتى ھەددى-ھېسابسىز، ئۆلۈممۇ ئازلىق قىلىدۇ، بۇ دېلودىن كىشىلەر قانۇننىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە ھەرگىز خىرىس قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى، ھەققانىيەتنىڭ تۆۋەن چېكىنى ھەرگىز بۆسۈپ ئۆتۈشكە بولمايدىغانلىقىنى كۆردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ