مۇھىم خەۋەرلەر

كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە سىياسەت يۆنىلىشىنى دەل جايىدا ئىگىلەيلى

− مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2023.12.18 11:01 مەنبە: خەلق تورى

  كېلەر يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل بولۇپ، ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور. مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە سىياسەت يۆنىلىشى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، «مۇقىم بولۇش ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بىكار قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىنىپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلەندى.

  پىروگرامما ئېنىق بولسا، تارماقلىرىمۇ ئېنىق بولىدۇ، ئاساس تۇتۇلسا، ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارمۇ شۇ بويىچە ماڭىدۇ. «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىش كېرەك» دەپ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، «مۇقىم بولۇش ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇش كېرەك» دەپ تەكىتلەندى، «ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش بىلەن تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاش، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش بىلەن يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك» دەپ كۆرسىتىلدى، «ھەقىقىي تۈردە ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، جەمئىيەت كۆزلىمىسىنى ياخشىلاش كېرەك» دەپ تەلەپ قىلىندى... مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئومۇمىي تەلىپىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىگە بولغان ئىلمىي ھۆكۈمى ۋە كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇ، جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ئىبارەت غايەت زور پاراخوتنىڭ دولقۇن يېرىپ، پۇختا، ئۇزاققىچە يۈرۈش قىلىشىدىكى مۇھىم يېتەكچى. بىز ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سۈرئەت بىلەن سۈپەت، ماكرولۇق سانلىق مەلۇمات بىلەن مىكرو تەسىرات، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىگىلەش ۋە ياخشى بىر تەرەپ قىلىشقا دىققەت قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، ئىقتىسادتا سۈپەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئېشىشى ۋە مىقدارنىڭ مۇۋاپىق كۆپىيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  مۇقىم بولۇش ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بىكار قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت ئىچى-سىرتى ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ چىقارغان مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما بولۇپ، روشەن مەسىلە يۆنىلىشى، نىشان يۆنىلىشىنى نامايان قىلىپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى مۇھىم بىلىش نەزەرىيەسى ۋە ئىلمىي مېتودولوگىيە بىلەن تەمىنلىدى. مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇشقا پايدىلىق سىياسەتلەرنى كۆپرەك چىقىرىپ، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش جەھەتتە پائال ئىلگىرىلەش كېرەك.» جەزمەن شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، «مۇقىملاشتۇرۇش» بىلەن «ئىلگىرىلەش» دىيالېكتىكىلىق بىرلىك بولۇپ، مۇقىملاشتۇرۇش ئومۇمىي ۋەزىيەت ۋە ئاساس، ئىلگىرىلەش يۆنىلىش ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى مۇھىتىدا يۈزبەرگەن چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش ئالدىدا، ئىقتىسادنىڭ قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش ئالدىدا بەزى قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارنى يېڭىشكە توغرا كېلىدۇ، مۇقىم بولۇش ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بىكار قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، چوڭ يۆنىلىش مۇقىم بولۇش، فاڭجېن-سىياسەتلەر مۇقىم بولۇش، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلار مۇقىم بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاساسنى چىڭ ساقلاپ، ۋەزىيەتنى تۇراقلاشتۇرۇش ئاساسىدا پائال ئىلگىرىلەپ، ئورنىتىشقا تېگىشلىكلىرىنى پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئورنىتىپ، بىكار قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى ئورنىتىش ئاساسىدا قەتئىي بىكار قىلغاندىلا، ئاندىن مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قەدەم تاشلىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.

  مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «ماكرولۇق سىياسەتنى تەتۈر دەۋرىيلىك ۋە دەۋرىيلىك ھالقىپ تەڭشەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە پۇختا پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، سىياسەت قورالىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.» كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ سىياسەت يۆنىلىشى ئىنتايىن ئېنىق، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنىڭ سالمىقىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇپ، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، مالىيە سىياسىتى بوشلۇقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مالىيە چىقىم قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلىرىنىڭ مالىيە كۈچى كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قۇرۇلما خاراكتېرلىك باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ياسىمىچىلىق تەرەققىياتىنى نۇقتىلىق قوللاپ، مالىيەنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ «ئۈچ كاپالەت» تۆۋەن چېكىنى پۇختا ساقلاش كېرەك. پۇختا پۇل سىياسىتى جانلىق، مۇۋاپىق بولۇشى، دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك بولۇشى، يۆتكىلىشچانلىقنىڭ مۇۋاپىق، تولۇق بولۇشىنى ساقلىشى كېرەك، پۇل سىياسىتى قورالىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ۋە قۇرۇلمىسىدىن ئىبارەت قوش ئىقتىدارىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش، ئومۇمىي مەنپەئەتدار تىپىدىكى كىچىك، مىكرو كارخانىلار، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق جەھەتلەردىكى قوللاش سالمىقىنى زورايتىشقا يېتەكلەپ، جەمئىيەتنىڭ ئۇنىۋېرسال مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنىڭ مۇقىم بولۇش ئاساسىدا تۆۋەنلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ماكرولۇق سىياسەت يۆنىلىشىنىڭ بىردەكلىكىنى كۈچەيتىپ، مالىيە، پۇل، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسىپ، رايون، پەن-تېخنىكا، مۇھىت قوغداش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد خاراكتېرىنى ئالمىغان سىياسەتلەرنى ماكرولۇق سىياسەت يۆنىلىشىنىڭ بىردەكلىكىنى باھالاشقا كىرگۈزۈپ، سىياسەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسەتنى يولغا قويۇشتا ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىرىكمە ئۈنۈمىنى زورايتىپ، سىياسەت زاپىسى جەھەتتە ئالدىن پىلانلاشنى ياخشى ئىشلەپ، ئېشىنچا مىقدار قالدۇرۇپ، سىياسەت ئۈنۈمىنى باھالاشتا ئۈنۈملۈك بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەشكە، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ماكرولۇق سىياسەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى قوللاش ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك. دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىش، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشتەك ئاساسىي يۈزلىنىشى ئۆزگەرمىدى، ئىشەنچ ۋە غەيرەتنى ئاشۇرۇپ، جەمئىيەت كۆزلىمىسىنى ياخشىلاپ، ئىقتىسادىي تەشۋىقات ۋە ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى پارلاق دېگەن نۇقتىئىنەزەرنى مەردانىلىك بىلەن ياڭرىتىش كېرەك.

  كېمىلەر ئىلگىرىلىمەكتە دولقۇن يېرىپ بەسلىشىپ، پارلاق ئىستىقبال يارىتىش ئۈچۈن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ. ۋەزىپە قانچە مۈشكۈل، خىرىس قانچە كەسكىن بولغانسېرى، ۋاقىت بىلەن ۋەزىيەتنى شۇنچە كۆزىتىش، مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئىلگىرىلەشنى ئىگىلەش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە سىياسەت يۆنىلىشىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئىشنى پۇختا قىلىپ، قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، ماھىرلىق بىلەن ئىش قىلىپ، ماھىرلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، تېخىمۇ جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش روھىي ھالىتى ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشقا، بىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك نىشان-ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەشكە تولۇق ئىشەنچىمىز بار، غەيرىتىمىز بار، ئىقتىدارىمىز بار.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ