مۇھىم خەۋەرلەر

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشتا ئازادلىق ئارمىيە ھەرگىز يۇمشاق قوللۇق قىلمايدۇ، دېدى

2023.12.03 20:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن كېيىن رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنى ئاچتى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، ۋۇ چيەن داشياۋ مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: بەزى خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئاتالمىش «2027-يىلى ياكى 2035-يىلى تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش پىلانى يوق ئىكەن»، بۇ تەيۋەنگە قورال كۈچى بىلەن ھۇجۇم قىلىشنىڭ تېخىچە تاللاش تۈرى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرەمدۇ، لېكىن ۋاقىت جەدۋىلى تېخىمۇ بالدۇر بولۇشى مۇمكىن، ھەتتا بەزى تەتقىقاتچىلار بۇ تەيۋەننىڭ كېلەر يىللىق سايلام نەتىجىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارىماقتا، باياناتچى بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟

  ۋۇ چيەن مۇنداق دېدى: تەيۋەن جۇڭگو زېمىنىنىڭ مۇقەددەس ئايرىلماس بىر قىسمى، تەيۋەن مەسىلىسى جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىنىڭ يادروسى. بىز ئەڭ زور سەمىمىيەت، ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن تىنچ بىرلىككە كېلىش ئىستىقبالىنى قولغا كەلتۈرىمىز. ئەگەر «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرى ئىغۋاگەرچىلىك قىلسا، ھەتتا قىزىل سىزىقنى دەسسىسە بىز كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغدايمىز. بۇ 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ مۇستەھكەم ئىرادىسى، شۇنداقلا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى.

  «ئامېرىكىغا تايىنىپ مۇستەقىللىقنى كۆزلەش» ئېنىقكى بىھۇدە ئاۋارىچىلىق، «قورال كۈچىگە تايىنىپ مۇستەقىللىقنى كۆزلەش» ئۆلۈم يولى. كىمىكى تەيۋەننى ھەرقانداق شەكىلدە جۇڭگودىن ئايرىپ چىقماقچى بولىدىكەن، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى بۇنىڭغا ھەرگىز يول قويمايدۇ، ھەرگىز يۇمشاق قوللۇق قىلمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ