مۇھىم خەۋەرلەر

«غاز پۇتى ھەدە» داڭق چىقاردى!

ئالىي مەكتەپ ئاشخانىسى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا مۇھەببەتلىك ھەمتۈرتكە كۆپرەك بولسۇن

2023.12.03 20:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ قىشتا، غاز پۇتى كاۋىپى ساتىدىغان بىر ھەدە داڭق چىقاردى!

  ھەر كۈنى كەچتە، بىر ئالىي مەكتەپنىڭ ئىشىكى ئالدىدا غاز پۇتى كاۋىپى ساتىدىغان ھەدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى، قىشنىڭ سوغۇقىمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقىنى توسۇپ قالالمىدى. تەملىك غاز پۇتى يايمىسى بېيجىڭدىكى ئۈچ ئالىي مەكتەپنىڭ «غاز پۇتى كاۋىپى ساتىدىغان ھەدە»نى تالىشىشىنى قوزغاپ، توردا قىزغىن مۇنازىرە پەيدا قىلدى. ھازىر، «غاز پۇتى» تەسىرى بېيجىڭدىكى باشقا ئالىي مەكتەپلەرگىمۇ تېز سۈرئەتتە كېڭەيدى. يېقىندا، جۇڭگو خەلق داشۆسى ئاشخانىسى «ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان» غاز پۇتى كاۋىپىنى سېتىشقا باشلىدى، بېيجىڭ ئورمانچىلىق داشۆسىنىڭ ئاشخانىسىمۇ ئارقىدا قېلىشقا تەن بەرمەي، مەكتەپنىڭ غاز پۇتى كاۋىپىنى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىنى، تەمى ۋە ئۈسكۈنىلەرنى تەڭشەپ تەييار قىلىپ بولغاندا سېتىشقا باشلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  ئالىي مەكتەپ ئاشخانىلىرى يەنە بەسلىشىشكە باشلىدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان جايلاردىكى ئالىي مەكتەپ ئاشخانىلىرىنىڭ خىلمۇ-خىل نام چىقىرىشى كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، تورداشلارنىڭ «ھەسەت قىلىپ شۆلگىيىنى ئاقتۇرۇۋەتتى».

  ئالىي مەكتەپ ئاشخانىلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن نام چىقىرىشىدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ھالقىلىق، كىچىك ئىشلىرى»نى چىڭ تۇتقاندىلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتقىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

  ئاشخانا ئالىي مەكتەپ باشقۇرۇشنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. ئالىي مەكتەپلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئاشخانا ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىنىپتىن باشقا ئەڭ كۆپ بارىدىغان جايى. بىر كۈندە ئۈچ ۋاق تاماق يېيىشكە توغرا كېلىدۇ، مەكتەپ ئاشخانىسىنىڭ ياخشى-يامان بولۇشى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ تاللاشتىكى مۇھىم ئامىلى بولۇپ قالدى. ئاشخانىنىڭ تامىقىنىڭ تەمى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلەمدۇ-يوق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالامدۇ-يوق، ئاشخانىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئوقۇغۇچىلارغا ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرالامدۇ-يوق، بۇ قارىماققا ئادەتتىكى مەسىلىلەردەك كۆرۈنسىمۇ كۆپ ھاللاردا بىر ئالىي مەكتەپنىڭ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئەڭ ياخشى نامايان قىلالايدۇ. ھالبۇكى، بۇ مەسىلىلەر زىيادە ئاددىي بولغاچقا، ھەمىشە بەزى ئالىي مەكتەپلەر ئاسانلا سەل قاراپ قالىدۇ.

  ئالىي مەكتەپ ئاشخانىلىرىنىڭ «كۆپ ئىزدەلگەن تېمىلار» قاتارىغا كۆپ قېتىم چىقىشى يەنە مەكتەپلەرگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، يېمەك-ئىچمەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ھالقىلىق كىچىك ئىشى»، ئاشخانا مەسىلىسىدە كۈچ سەرپ قىلىش ھەم مەكتەپنىڭ ئەجرىنى نامايان قىلىدۇ ھەم مەكتەپ باشقۇرۇش ئەقىل-پاراسىتىنى سىنايدۇ.

  ئاشخانىدىن ئىبارەت بۇ زېمىن قارىماققا كىچىك ئىشتەك كۆرۈنسىمۇ ئەمەلىيەتتە چوڭ ئىش. بىز تېخىمۇ كۆپ ئالىي مەكتەپ ئاشخانىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى مېھىرلىك ھەمتۈرتكىلەرنى كۆرۈشنى، بۇ تۇرمۇش پۇرىقىنىڭ ھەر بىر ئالىي مەكتەپنى قاپلاپ، ھەر بىر كىشىنىڭ قەلبىدە ساقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ