مۇھىم خەۋەرلەر

«چولپانلارنىڭ بەخت تىلەش ۋېدىيوسىنى سۈرەتكە ئېلىشى» يېڭى كەسىپكە ئايلاندى

پۇل ئېلىپلا مەسئۇل بولماسلىققا بولمايدۇ

2023.12.03 20:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، «نۇرغۇن چولپانلارنىڭ ئالدامچىلارغا تۇغۇلغان كۈنى تەبرىك ۋېدىيوسى سۈرەتكە ئېلىپ بېرىشى» ھەققىدىكى تېما كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. چولپانلارنىڭ ئالدامچىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ قېلىشى دەسلەپتە نۇرغۇن تورداشلارنىڭ ئەقلىگە سىغمىغان بولسىمۇ، بەزى چولپانلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ كەچۈرۈم سورىشىغا ئەگىشىپ، بۇ «سودا»نىڭ مەۋجۇتلۇقى تولۇق ئىسپاتلاندى.

  تاراتقۇلارنىڭ تەكشۈرۈپ بايقىشىچە، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بەخت تىلەش ۋېدىيوسى يېڭى شەيئى بولماستىن بەلكى مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرىنىڭ يادروسى ئىكەن. ئوخشىمىغان تىلەك مەزمۇنىغا ئاساسەن باھاسى نەچچە يۈز يۈەندىن نەچچە ئون مىڭ، ھەتتا نەچچە يۈز مىڭ يۈەنگىچە بولىدىكەن. چولپانلار بەخت تىلەش ۋېدىيوسىنى سۈرەتكە ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، ۋېدىيونىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكى، كىم ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرمەيدىكەن. سېتىۋالغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتى ئوخشاش بولمىغان، ئارقا كۆرۈنۈشى ئېنىق بولمىغان ئەھۋالدا ئالدامچىلىق گۇرۇھىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىنىڭمۇ ھەيران قالغۇچىلىكى يوق. لېكىن، بۇ ئەھۋال ئالدامچىلىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنى قاتتىق ئازابلىدى، شۇنداقلا پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئىنتايىن يامان تەسىر پەيدا قىلدى.

  چولپانلار كەچۈرۈم سوراش جەريانىدا «بىلمەپتىمەن»، «تونۇشلارنىڭ يۈزىنى قىلىپ» دېگەندەك سۆزلەر ئارقىلىق بۇ ئىشتىن كۈچىنىڭ بارىچە ئۆزىنى قاچۇرغان، لېكىن مۇشۇنداق قىلىپلا جاۋابكارلىقنى كەچۈرۈم قىلغىلى بولامدۇ؟ بەخت تىلەش ۋېدىيوسى مەجبۇرىي سىنغا ئېلىنغان ئەمەس، بەلكى چولپانلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قىلغان قىلمىشى، ئۇلارنىڭ «بىپەرۋالىق قىلىشى» كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەر قانداق ئاقىۋەت چولپانلارنىڭ ھېساباتىغا يېزىلىدۇ. ئاممىۋى ئەرباب بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ قىلمىش ئۆزىنى ئايىمىغانلىقتۇر.

  چولپانلارنىڭ شەخسىلەرگە ۋېدىيو سۈرەتكە ئېلىپ بەخت تىلىشى ماھىيەتتە بىر خىل تولۇق زەنجىرلىك ئېلان ۋاكالەتچىلىكىدۇر. بۇ خىل قىلمىش «سېتىۋالغۇچى»لارنىڭ قەدىر-قىممىتى ۋە ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۆزىگە خاس «كەسىپ ھالىتى» ئارقىلىق بازارنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ. بۇنداق ئۆرپ-ئادەتكە، ئەخلاققا خىلاپ، ھەتتا قانۇن بىلەن ئوينىشىدىغان كۈلرەڭ كەسىپ قارىماققا ھېچكىمگە زىيانسىزدەك كۆرۈنسىمۇ ئەمەلىيەتتە قانۇننىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى ۋە چەكلىمىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشتەك خەۋپ-خەتىرىنى ئاشكارىدى. ئېلان ۋاكالەتچىسى بولغانىكەن، مەزمۇنىنىڭ چىنلىقى ۋە قانۇنلۇقلۇقى مەسىلىسىدە مۈجمەللىك قىلىشقا بولمايدۇ. لېكىن بىر قىسىم چولپانلارنىڭ بەخت تىلەش ۋېدىيوسىنى سۈرەتكە ئېلىشى ئويۇنغا ئوخشاش بولۇپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ۋە قانۇن ئېڭىدىن ئەيمىنىش كەمچىل بولماقتا.

  «چولپانلارنىڭ بەخت تىلەش ۋېدىيوسىنى سۈرەتكە ئېلىشى» نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ سىرتىدا قالسا بولمايدۇ، شۇنداقلا كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان يوشۇرۇن ئېقىمغا ئايلىنىپ قالمايدۇ. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىش، قالايمىقانچىلىقنى تۈزەش كېيىنكى خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. ئالاقىدار تارماقلار ئېلان ھەرىكىتى، باج تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتى قاتارلىق قاتلاملاردىن ئارىلىشىپ ئۆلچەمنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قېلىپلاشتۇرۇش ۋە قائىدىگە ئۇيغۇن بولۇش، قانۇنلۇق بولۇش توغرىسىدا قاتتىق تەلەپ قويۇپ، كۈلرەڭ كەسىپلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تۇپراق بەرمەسلىكى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ