خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جياڭشى ئۆلكىلىك داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى تارقاتقان «جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى داۋالاش مۇلازىمەت تۈرى چىقىمىنى باشقۇرۇش مۇندەرىجىسى (2023-يىل) » 12-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىدۇ. بۇ مۇندەرىجىدە «ئېلېكتىرونلۇق قۇلاق قۇلۇلىسى كۆچۈرۈش تېخنىكىسى» قاتارلىق يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىلتىماس قىلىنغان 192 داۋالاش مۇلازىمىتى تۈرى ھەرىكەتچان باھالاش ئارقىلىق داۋالاش كاپالىتى چىقىم قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى.
جياڭشىدا بۇ قېتىم داۋالاش مۇلازىمىتى تۈرىدىن چىقىم قىلىشنى باشقۇرۇش مۇندەرىجىسىنىڭ «سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، دائىرىنى كېڭەيتىش»نى يولغا قويۇش ئارقىلىق 4369 تۈرلۈك داۋالاش مۇلازىمىتى تۈرى ئۆلكىنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى بويىچە چىقىم قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى. ئۆلكە بويىچە داۋالاش مۇلازىمىتى تۈرى چىقىمىنى باشقۇرۇش مۇندەرىجىسى ھەرىكەتچان تەڭشەش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئۆلكە بويىچە بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ئىشەنچلىك، كىلىنىكىلىق قىممىتى يۇقىرى، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئامما جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان داۋالاش تېخنىكا سەۋىيەسىنىڭ يېڭىلىنىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان داۋالاش مۇلازىمىتى تۈرلىرىنى تەرتىپ بويىچە ئىلتىماس قىلىپ جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ داۋالاش كاپالىتى چىقىم قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ھەرىكەتچان قوبۇل قىلىش، ھەرىكەتچان باھالاشنى يولغا قويۇشقا مەدەت بېرىلدى.
داۋالاش سۇغۇرتا فوندىنىڭ بىخەتەر ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن جياڭشى ئۆلكىسى داۋالاش مۇلازىمىتى تۈرىنىڭ چىقىمىنى باشقۇرۇش مۇندەرىجىسىنى تەڭشەشتە «چامىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈش»تە چىڭ تۇردى. سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىش ئۈچۈن جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان داۋالاش مۇلازىمەت تۈرلىرىنى تولۇق كىرگۈزۈپ، بىر قىسىم كىلىنىكىلىق داۋالاش زۆرۈر بولمىغان، ئۈنۈمى بېكىتىلمىگەن داۋالاش مۇلازىمەت تۈرلىرى ۋە ئالاھىدە ئېھتىياجلىق داۋالاش مۇلازىمىتى تۈرلىرىنى جياڭشى ئۆلكىلىك داۋالاش سۇغۇرتىسى بىردەك چىقىم قىلمايدىغان بولدى.
جياڭشى داۋالاش مۇلازىمىتى تۈر خىراجىتىنى تەكشۈرۈش چارىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالاش مۇلازىمىتى تۈر خىراجىتىنى چىقىم قىلىشنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىشلىتىش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق مۇلازىمەت كېلىشىمى بويىچە باشقۇرۇش ۋە باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ