مۇھىم خەۋەرلەر

ئىككى تارماق 2023-يىللىق مەركەز مالىيەسىنىڭ ئومۇم مەنپەئەتدارلىقى ھاۋالىلىك تەربىيەلەش مۇلازىمىتىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنى ئىلتىماس قىلىشقا تەشكىللىدى

2023.12.03 20:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئومۇم مەنپەئەتدارلىقى ھاۋالىلىك تەربىيەلەش مۇلازىمىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن مالىيە مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا مەركەز مالىيەسىنىڭ 2023-يىللىق ئومۇم مەنپەئەتدارلىقى ھاۋالىلىك تەربىيەلەش مۇلازىمىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللاش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنى ئىلتىماس قىلىشقا تەشكىللەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، دىققەتنى ئاممىنىڭ «يەسلىگە كىرىش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ئاممىنىڭ «يەسلىگە كىرىش قىممەت بولۇش»يۈكىنى يېنىكلىتىش، ئاممىنىڭ «ياخشى ھاۋالە قىلىش» ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشقا مەركەزلەشتۈردى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تۈرلەرنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش لازىم، ئومۇم مەنپەئەتدارلىقى ھاۋالىلىك تەربىيەلەش مۇلازىمىتى غەيرىي ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتكە تەۋە، مەركەز مالىيەسىنىڭ ياردەم مەبلىغىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يەرلىكنىڭ تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، مېخانىزم ئورنىتىپ، سىجىللىققا كاپالەتلىك قىلىپ، تەجرىبە ھاسىل قىلىدۇ.

  بۇ تۈردە ئاساسلىقى مۇنداق ئۈچ نىشان مەركەزلەشتۈرۈلدى: بىرىنچى، قولايلىق بولۇشنى چۆرىدەپ يەسلى مائارىپى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كېڭەيتىلىپ، ئاممىنىڭ «يەسلىگە كىرىش قىيىن بولۇش» مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ. بازارنىڭ ھاۋالىلىك تەربىيەلەش مۇلازىمىتىدە بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى ئومۇم مەنپەئەتدارلىقى ھاۋالىلىك تەربىيەلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش ۋە قوللاش لازىم؛ مەھەللىلەرنىڭ ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ، مەھەللىلەردىكى بوۋاق-بالىلار پائالىيەت سورۇنى ۋە مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم؛ شارائىتى بار ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار، كەسىپلەر رايونى، سودا بىنالىرى قاتارلىقلارنىڭ ھاۋالىلىك تەربىيەلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئىككىنچى، باھانى قوبۇل قىلالايدىغان بولۇشنى چۆرىدەپ ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمەت ھەققىنى تۆۋەنلىتىپ، ئاممىنىڭ «يەسلىگە كىرىش قىممەت بولۇش» يۈكىنى يېنىكلىتىش لازىم. ھاۋالىلىك تەربىيەلەش مۇلازىمىتىدە تەرەققىيات بېجىدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم؛ مەھەللە، ئورۇن، ئالاقىدار ئاپپاراتلارنىڭ ھازىر بار بولغان سورۇنى قاتارلىق ساقلانما بايلىقنى جانلاندۇرۇپ، ھاۋالىلىك تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ تىجارەت تەننەرخى ۋە مۇلازىمەت باھاسىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىش لازىم؛ يېزا ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش رايونلىرىدىكى يەسلى مائارىپى مۇلازىمىتىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئۈچىنچى، سۈپەتنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى چۆرىدەپ، ھاۋالىلىك تەربىيەلەشنىڭ بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىنىڭ «ياخشى ھاۋالە قىلىش» ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش كېرەك. توغرا بولغان يەسلى قۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بوۋاقلار ۋە بالىلارنىڭ دەسلەپكى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم؛ بوۋاق-بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ساغلاملىقىنى ئاساس قىلىپ، يەسلى ئاپپاراتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش لازىم؛ ئالاقە تورى، كۆچمە ئابونتلار تېرمىنالى قاتارلىق يوللارغا تايىنىپ رەقەملىك ھاۋالىلىك تەربىيەلەش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش لازىم؛ يەسلى ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە ئاممىۋى سەھىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ يەسلىنىڭ تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىغا بولغان يېتەكچىلىك ۋە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىشىنى قوللاش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ