ج خ مىنىستىرلىقى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ج خ ئورگانلىرىنىڭ «تورنى تازىلاش» يۈرۈشلۈك مەخسۇس ھەرىكىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، خايكېر تۈرىدىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە پۈتۈن كۈچ بىلەن زەربە بېرىشتىكى تەدبىرى ۋە ئومۇمىي نەتىجە-ئۈنۈم ئەھۋالىنى ئۇقتۇردى.
ج خ مىنىستىرلىقى تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى تۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ج خ مىنىستىرلىقى خايكېر جىنايىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ج خ ئورگانلىرىنى «تورنى تازىلاش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، خايكېر جىنايى ھەرىكىتىگە قاتتىق زەربە بېرىشكە ئورۇنلاشتۇردى. 2022-يىلىدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ج خ ئورگانلىرى خايكېر تۈرىدىكى جىنايەت دېلوسىدىن 2430 نى پاش قىلىپ، 7092 جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالدى.
خەلق ئاممىسىنىڭ ساياھەت قىلىش، داۋالىنىش، ئىستېمال، كۆڭۈل ئېچىش، ئائىلە پائالىيىتى قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى نۇقتىلىق ساھەلەرنى چۆرىدىگەن، پويىز بېلىتى، دوختۇرخانىدا نومۇر ئېلىش، مەنزىرە رايونى ۋە ناخشا كېچىلىكىنىڭ بېلىتى قاتارلىق بايلىقلارنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش ۋە ئائىلە ۋە شەخسلەرنىڭ مەخپىيەتلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىشتەك خايكېر جىنايىتى ج خ خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ زەربە بېرىش مۇھىم نۇقتىسىغا ئايلاندى. بېيجىڭ، جياڭسۇ ساقچىلىرى ئۈچ ئا دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ نومۇر ئېلىش، يازلىق تەتىلدىكى ئاۋات مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئىشىك بېلىتى قاتارلىق بايلىقلارنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش دېلولىرىنى پاش قىلىپ، قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش قىلمىشى ئېلىپ بارىدىغان 200 مىڭ گۇرۇپپىدىن ئارتۇق تور نومۇرىنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈردى، دېلوغا چېتىشلىق 7 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدى.
ج خ مىنىستىرلىقى تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شى يوۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، خايكېر دېلوسىنىڭ پاش قىلىنىش سانى ئۇدا ئۈچ يىل ئېشىپ، يىللىق ئېشىش نىسبىتى %27.7 كە يەتكەن، جىنايەتچىلەر كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىغا بىۋاسىتە تاجاۋۇز قىلىپ، بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن باشقا، يەنە سانلىق مەلۇماتلارنى ئوغرىلاش، تور بېكەتلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىش، ئېقىم مىقدارىنى ئوغرىلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، تېلېگراف ئالدامچىلىقى، توردا قىمار ئويناش، توردا شەھۋانىيلىق قىلىش، تور سۇ ئارمىيەسى قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى تېخنىكا جەھەتتىن قوللاش، ماتېرىيال ئۇچۇرى ۋە تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەن.
ج خ ئورگىنى پۇقرالارغا تور بىخەتەرلىكى ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تورغا چىققاندا مۇداپىئە تېمى ۋە ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش يۇمشاق دېتالى ئورنىتىش قاتارلىق مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، سىستېمىدىكى يوچۇقلارنى ۋاقتىدا مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى؛ ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان تور ئادرېسىنى خالىغانچە چەكمەسلىكنى، كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان ئىككىلىك كودنى سىكانېرلىماسلىقنى؛ مەخپىي نومۇر باشقۇرۇشىنى ياخشى ئىشلەپ، تور ھېسابات نومۇرى مەخپىي نومۇرى، ئېچىش مەخپىي نومۇرى، ئېكران قۇلۇپلاش مەخپىي نومۇرى، چىقىم قىلىش مەخپىي نومۇرى قاتارلىقلارنى ئىسىم- فامىلىسىنىڭ پىنيىنى، تۇغۇلغان ۋاقتى تۈرىدىكى ئاددىي ھەرپ-بەلگە قىلىپ قويماسلىقى، ئىمكانقەدەر قەرەللىك ھالدا مەخپىي نومۇرنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشنى ئەسكەرتىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ