مۇھىم خەۋەرلەر

پويىز بېلىتىنى قايتۇرسا رەسمىيەت ھەققىنى تۇتۇپ قالمامدۇ؟ 12306 ئىنكاس قايتۇردى

2023.12.01 14:27 مەنبە: خەلق تورى

  11-ئاينىڭ 29-كۈنى، «12306 دا بېلەت قايتۇرسا رەسمىيەت ھەققى ئېلىنمايدىكەن، پويىز قوزغىلىشتىن 10 مىنۇت بۇرۇن بېلەت قايتۇرسام ھەق تۇتماپتۇ» دېگەن ئۇچۇر تورداشلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. مۇخبىر بۇ ھەقتە تۆمۈر يول تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ بۇ ئىشنى دەلىللىدى.

  مۇخبىرنىڭ دىققەت قىلىشىچە، 11-ئاينىڭ 28-كۈنى، بىر تورداشنىڭ دېيىشىچە، پويىز بېلىتىنى پويىز قوزغىلىشتىن 10 مىنۇت بۇرۇن قايتۇرسا ھەق تۇتمىغان. بۇ ئۇچۇرنىڭ مەزمۇنى كەسمە سۈرەتتە كۆرسىتىلدى. بۇ تورداش 11-ئاينىڭ 27-كۈنى شۇ كۈنى سائەت 18دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە يەنئەندىن يولغا چىقىدىغان D779 قېتىملىق پويىزنىڭ بېلىتىنى سېتىۋالغان، پويىز يولغا چىقىشقا 14 مىنۇت قالغاندا بېلەت قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان، بېلەت قايتۇرۇش ئىلتىماسى بىردەمدىلا قوبۇل قىلىنغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە رەسمىيەت ھەققى تۇتۇپ قېلىنمىغان.

  بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، تورداشلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىدى، «قاچان يېڭى بەلگىلىمە چىقتى؟» رەسمىيەت ھەققى ئالمىسا بېلەت سېتىۋېلىش تېخىمۇ تەسكە توختامۇ؟

  مۇخبىر 11-ئاينىڭ 29-كۈنى، 12306 تۆمۈر يول مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى ئارقىلىق بېلەت قايتۇرۇش رەسمىيەت ھەققىنىڭ ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان بېلەت قايتۇرۇش ھەققى ئۆلچىمى بويىچە ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى، نۆۋەتتە يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىلمىغانلىقىنى ئىگىلىدى.

  ئۇنداقتا بۇ تورداش نېمە ئۈچۈن پويىز قوزغىلىشتىن 10 نەچچە مىنۇت بۇرۇن بېلەت قايتۇرغاندا رەسمىيەت ھەققى تۇتۇپ قېلىنمىغان؟ بۇنىڭغا قارىتا، تۆمۈر يول تارماقلىرىدىكى ئالاقىدار خىزمەتچى خادىملار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەكشۈرۈش ئارقىلىق،27-چېسلا يەنئەندىن يولغا چىققان D779-قېتىملىق پويىز 30 مىنۇت كېچىكىپ ماڭغان، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، پويىز كېچىكىش سەۋەبىدىن، يولۇچىلار بېلەت قايتۇرسا بېلەت قايتۇرۇش ھەققى تۇتۇپ قېلىنمايدۇ.

  «ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ئەگەر پويىز دەل ۋاقتىدا يېتىپ بارالمىسا، ئۇنداقتا ۋوگزال خىزمەتچىلىرى بۇ پويىزنى كېچىكتى دەپ قارايدۇ، خېرىدارلار ۋاقىتقا ئاساسەن پويىز بېلىتىنى قايتۇرۇش، ئۆزگەرتىش كەسپىنى تاللىسا بولىدۇ، پويىز كېچىكىش سەۋەبىدىن بېلەت قايتۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرسە، بېلەت قايتۇرۇش ھەققى ئېلىنمايدۇ». 12306 مۇلازىمەت خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بەلكىم بۇ يولۇچى بېلەت قايتۇرغاندا پويىزنىڭ كېچىككەنلىكىنى بىلمىگەن، شۇڭا مۇشۇنداق دېگەن بولۇشى مۇمكىن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ