مۇھىم خەۋەرلەر

«ھەربىي كومىتېت مىنىستىرى» قولغا ئېلىندى!

2023.11.30 15:20 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا ئىچكى موڭغۇل ھەربىي رايونى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ھەربىي رايون بىلەن بىرلىكتە ساختا ھەربىي بىلەن كۆز بويامچىلىق قىلىدىغان جىنايەت شايكىسىنى بىتچىت قىلدى.

  ئىچكى موڭغۇل ھەربىي رايونىنىڭ گارنىزون تەرتىپ ساقلاش ۋەزىپە ئىجرا قىلغۇچى خادىملىرى كۆكخوت شەھىرىنىڭ يۈچۈەن رايونىدا بىر ساختا ھەربىي ئاپتوموبىلىنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرۈپ، شوپۇر جىن Xنىڭ ساختا ئوفېتسىرلىق كىنىشكىسى، ئاپتوموبىل ھەيدەش كىنىشكىسى، ھەربىي ئاپتوموبىل ھەيدەش كىنىشكىسى ۋە ئارمىيە ھۆججىتى بارلىقىنى بايقىغان.

  ۋەزىپە ئىجرا قىلغۇچى خادىملار تېزدىن ئۇنى كونترول قىلىپ ھەمدە تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ ئالاقىلاشقۇچىسى شۇ Xنىڭ ھەربىي قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ كۆز بويامچىلىق قىلىش گۇمانى بارلىقى ھەمدە دائىم جۇجياڭ دەرياسى دېلتىسى رايونىدا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان. ۋەزىپە ئىجرا قىلغۇچى خادىملار دەرھال جىن Xنى ج خ ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يىپ ئۇچىنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ھەربىي رايون گارنىزونى ئىشخانىسىغا مەلۇم قىلغان.

  مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىچكى موڭغۇل ۋە گۇاڭدۇڭ ئىككى جايدىكى ھەربىي ساقچىلار ئۆلكە ئاتلاپ ھەمكارلىشىپ تەكشۈرۈش خىزمەت مېخانىزمىنى تېزدىن يولغا قويۇپ، جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئاساسلىق پائالىيەت ئورنىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن جىنايەت گۇماندارىنىڭ ساختا ھەربىي ئاپتوموبىل بىلەن شېنجېنغا ماڭغانلىقىنى بايقىغان.

  گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ھەربىي رايونىنىڭ شېنجېندا تۇرۇشلۇق گارنىزون ۋەزىپە ئىجرا قىلغۇچى خادىملىرى بىلەن بىرلىشىپ، شېنجېندىكى بىر مېھمانسارايدا ئالدامچىلىق پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان شۇ X ۋە ئۇنىڭ شېرىكىدىن ئالتە كىشىنى قولغا چۈشۈرگەن. نەق مەيداندا ئارمىيە كىنىشكىسى، ھەربىي فورمىسى قاتارلىق ھەربىي ئىشلارغا چېتىشلىق ساختا بۇيۇملارنى قولغا چۈشۈرگەن. 24 سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە دېلوغا چېتىشلىق بارلىق كىشىلەر قولغا ئېلىنغان.

  ج خ ئورگانلىرى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، شۇ X قاتارلىق يەتتە كىشىنىڭ ئۆزىنى «ھەربىي كومىتېت مىنىستىرى»، «ھەربىي كومىتېت مەلۇم قىسىمىنىڭ قوماندانى»، «مەلۇم ئۆلكىلىك سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى» قاتارلىق ئارمىيە رەھبەرلىرى دەپ ئاتىغانلىقىنى بايقىغان. كۆپ قېتىم ھەربىي سەپكە قوبۇل قىلىش، خىزمىتىنى يۆتكەش ۋە ماسلاشتۇرۇش مۇناسىۋىتىنى باھانە قىلىپ، يەرلىك خادىملاردىن كۈتۈۋېلىشنى ھەمدە مال-مۈلۈكنى تەلەپ قىلغان. ئالدامچىلىق سوممىسى بىر مىليون يۈەندىن ئاشقان. بۇ جىنايەت شايكىسىنىڭ ئەزالىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويغان، دېلو يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.

  ھەربىيلەرنىڭ ئوبرازىغا داغ تەگكۈزۈشكە بولمايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ