مۇھىم خەۋەرلەر

ۋاڭ ۋېنبىن: كانادانىڭ قىلمىشى پۈتۈنلەي ئۆزىگە ئۆزى بالا تاپقانلىق

2023.11.30 15:16 مەنبە: خەلق تورى

  «دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئىشخانىسى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 29-چېسلادىكى رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى مۇنداق سوئال سورىغان: « كانادا <يەر شارى پوچتا گېزىتى>نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگودا جاسۇسلۇق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان دەپ گۇمان قىلىنغان مايكىل ئەھۋالنى بىلمىگەن ئەھۋالدا كاڭ مىڭكەيگە چاۋشيەنگە ئالاقىدار سەزگۈر ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلىگەن، كاڭ مىڭكەي ئارقىدىنلا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى كانادا ھۆكۈمىتى ۋە باشقا «بەش كۆز ئىتتىپاقى» دۆلەتلىرىگە تەمىنلىگەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككەيلەن جۇڭگو تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟»

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: كاڭ مىڭكەي، مايكىل جۇڭگونىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتىگە چېتىشلىق، جۇڭگونىڭ ئەدلىيە ئورگانلىرى دېلونى قانۇن بويىچە قاتتىق بېجىرىدۇ. ئالاقىدار خەۋەرلەر شۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى، كانادا تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپنى «خالىغانچە قاماپ قويدى» دېگىنى پۈتۈنلەي ھەق-ناھەقنى ئارىلاشتۇرۇۋەتكەنلىك، ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈگەنلىك. كانادا توقۇغان يالغانچىلىق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاخىرى پاكىت تەرىپىدىن ئېچىپ تاشلاندى، كانادانىڭ قىلمىشى پۈتۈنلەي ئۆزىگە ئۆزى بالا تاپقانلىق. كانادا تەرەپنى پاكىتقا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆز خاتالىقى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ، ئاممىۋى پىكىرنى بۇرمىلاش، جۇڭگوغا بوھتان چاپلاش، قارا چاپلاشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىمىز.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ