مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى: «قورال ئارقىلىق مۇستەقىللىقنى كۆزلەش» ئۆلۈمدىن باشقا يول ئەمەس، چەت ئەلگە تايىنىپ ئۆزىنى ھىمايە قىلىش ئۆزىنى ئۆزى ھالاك قىلغانلىق

2023.11.30 15:15 مەنبە: خەلق تورى

  11-ئاينىڭ 29-كۈنى، گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى رەسمىيەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. بىر مۇخبىر ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە داۋاملىق قورال سېتىپ بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا سوئال سورىدى.

  گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى چېن بىنخۇا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۈچ بىرلەشمە ئاخباراتى، بولۇپمۇ «17- ئاۋغۇست» ئاخباراتىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ، بىز بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز. ئالاقىدار تارماقلار كۆپ قېتىم پىرىنسىپال مەيدانىنى بايان قىلدى. ئامېرىكا تەرەپنى بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نى قوللىماسلىقتەك كەسكىن سىياسىي ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا، دېگىنىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە دەۋەت قىلدى. نۇرغۇن پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، «قورال ئارقىلىق مۇستەقىللىقنى كۆزلەش» ئۆلۈمدىن باشقا يول ئەمەس، چەت ئەلگە تايىنىپ ئۆزىنى ھىمايە قىلىش ئۆزىنى ئۆزى ھالاك قىلغانلىق.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ