11-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن، چىڭخەي ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى بىر «ۋەيران بولۇش دېلوسى»غا 2-سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلدى، جاۋابكار لى فامەن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
2022-يىل 2-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت بىرلەردە، جاۋابكار لى فامەن بېشىغا چۈمبەل كىيىپ، ئىككى دانە تاق بىسلىق پىچاق قاتارلىق دېلو سادىر قىلىش قوراللىرىنى ئېلىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى لى Xنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، پىچاق بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى لى X ۋە ئۇنىڭ ئايالى، قىزى، قېيىنئاتا-قېيىنئانىسى قاتارلىق بەش ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، بەش زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ نەق مەيداندا ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن كېيىن نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەن. شۇ كۈنى سائەت 15 لەردە لى فامەن قولغا ئېلىنغان.
شىنىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئوچۇق سوت ئېچىپ قاراپ چىقىپ، 1-سوت ھۆكۈمى چىقىرىپ، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن لى فامەنگە ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلغان. ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، لى فامەن قايىل بولماي نارازىلىق ئەرزى سۇنغان.
چىڭخەي ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى لى فامەن كىچىك ئىشلار تۈپەيلىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى لى Xنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىپ، ئۆچ ئېلىش نىيىتىدە بولۇپ، دېلو سادىر قىلىش قوراللىرىنى ئالدىن تەييارلاپ، چاغان ھارپا كېچىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئۆيىگە يوشۇرۇن كىرىپ، لى X قاتارلىق بەش ئادەمنى پىچاق بىلەن ئۆلتۈرگەن، ئۇنىڭ قىلمىشىدىن قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دەپ قاراپ چىققان.
لى فامەن بىگۇناھ ياشانغانلار ۋە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىنى ئۆلتۈرگەن، ئۇنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ۋاسىتىسى ئىنتايىن رەھىمسىز، قىلمىشى ئىنتايىن قەبىھ، ئاقىۋىتى ئىنتايىن ئېغىر، جىنايىتى تولىمۇ ئېغىر، قانۇن بويىچە جازالاش كېرەك. لى فامەن ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى ئوتتۇرىغا قويغان نارازىلىق ئەرز سەۋەبى ۋە ئاقلاش پىكرى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. ئەسلىي ھۆكۈمدە بېكىتىلگەن پاكىتلار ئېنىق، دەلىل-ئىسپات راست ھەم تولۇق، جىنايەت بېكىتىش توغرا، جازا ئۆلچەش مۇۋاپىق. سوت قىلىش تەرتىپى قانۇنلۇق. شۇنىڭ بىلەن نارازىلىق ئەرزى رەت قىلىنىپ، ئەسلىي ھۆكۈمنى ساقلاپ قېلىش ھەققىدە كېسىم چىقىرىلغان.
2-سوت ھۆكۈمى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، چىڭخەي ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى لى فامەنگە بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى كېسىمىنى قانۇن بويىچە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇندى.
مەنبە: خەلق تورى