جاۋ لېجى ساموئا پارلامېنتىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

2023.11.23 15:12 مەنبە: خەلق تورى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى بېيجىڭدا ساموئا پارلامېنتىنىڭ باشلىقى پاپالى بىلەن كۆرۈشتى.

  جاۋ لېجى مۇنداق بىلدۈردى: ساموئا يېڭى جۇڭگو بىلەن ئەڭ بۇرۇن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ بىرى. ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 48 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ خەلق تۇرمۇشى سائادىتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. جۇڭگو ساموئا بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ئۆزئارا قوللاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، خەلقنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، يېقىن ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. سىزنىڭ تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى پارلامېنت ئەزالىرى مۇھاكىمە كۇرسىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەنلىكىڭىزنى قارشى ئالىمىز. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ساموئا پارلامېنتى بىلەن بىرلىكتە، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش قاتارلىق ساھەلەردە تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ.

  پاپالى مۇنداق دېدى: ساموئا بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ. ساموئا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىن كۆپ نەپكە ئېرىشتى. ساموئا پارلامېنتى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ